|

ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان توڭلاتقۇلار مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى لازىم:
بىرىنچىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىسىش ماتورى ئىشلىتىلگەن بولۇش. قىسىش ماتورى توڭلايقۇنىڭ يۈرىكى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىسىش ماتورى ئىشلىتىش ئېنېرگىيە تېجەشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى؛
ئىككىنچىدىن يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇش. توڭلاتقۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىدىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىگە بولغىلى بولىدىغان توڭلىتىش ئۈنۈمىگە سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ئۈنۈمىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئامىل. ئەگەر مۇھىت ئاسرايدىغان ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ‹‹ R600›› توڭلىتىش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلسە، توڭلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛
ئۈچىنچىدىن نىسبەتەن يۇقىرى بولغان سەرپىيات– ئۈنۈم نىسبىتىگە ئىگە بولۇش. توڭلاتقۇنىڭ سەرپىيات - ئۈنۈم نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، توڭلىتىش ۋاقتىدىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت باسقۇچىدا تېجىلىدىغان ئېنېرگىيىمۇ شۇنچىلىك كۆپ بولىدۇ.
بىز يەنە توڭلاتقۇنىڭ سوۋۇتۇش گازىنى قوغداش تەدبىرىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم . يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېنېرگىيە تېجەش تەدبىرى قوللىنىلغان توڭلاتقۇلار مۇھىم خىزمەت باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ئېنېرگىيە ئاساسەن توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇشقىلا سەرپ قىلىنىدۇ، شۇندىلا سوغۇق ھاۋاغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان توڭلاتقۇلاردا يەنە بىر قەدەر مۇكەممەل سوغۇق ھاۋانى قوغادش ئەسلىھەسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىسسىقلىقنى ئايرىۋېتىش ئىقتىدارى بار قاتلامنى مۇۋاپىق چوڭايتسا، ياكى بۇ قاتلامغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ياخشىلاپ، توڭلاتقۇ ئىشىكلىرىنىڭ يوچۇقلىرىنى مۇۋاپىق ئەتسە، سىرتتىكى ئىسسىق ھاۋانىڭ توڭلاتقۇ ئىچىگە كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
|