|
تامنى خالىغانچە چاقماڭ. ھازىر ئۆي زىننەتلىگەندە ئۆينىڭ تېمىنى چېقىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ خىش تامنى چېقىش ۋە تام گەۋدىسىنى چېقىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. خىش تامنىڭ ئۆي قۇرۇلمىسىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، بىراق تام گەۋدىسىنى چاققاندا سەللا بىخەستىلىك قىلىنسا تامنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىغا تەسىر يېتىدۇ. يېنىك بولغاندا تامدا يېرىق پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا يوشۇرۇن خەۋپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ يەر تەۋرىگەندە بۇنىڭ خېيىمخەتىرى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
تۇرۇس نەقىشىگە كۈچىمەڭ. ئۆينىڭ تورىسىنى بەك مۇرەككەپ زىننەتلەشكە، تورۇسقا ئېغىر، ئاسان سۇنىدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئاسان سۇنىدىغان بېزەك بۇيۇملارنى ئىشلەتسە يەر تەۋرىگەندە كېلىپ چىقىدىغان زىيان تېخىمۇ ئېغىر، خېيىمخەتەر تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
تامدىكى پولات چىۋىقلارغا چېقىلماڭ. ئۆيدىكى توك سىمى، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنى كۆمگەندە پولات چىۋىقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا تام گەۋدىسى ۋە پولنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە تەسىر يېتىپ، يەر تەۋرىگەندە يېرىلىپ كېتىش، چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۆي زىننەتلىگەندە پولات چىۋىققا چېقىلماسلىق لازىم. ھاجەتخانا ۋە ئاشخانىنىڭ سۇ ئۆتمەس قەۋىتى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. شۇڭا، سۇ ئۆتمەس قەۋىتىگە چىداملىق ماتېرىياللارنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئۆي سايمانلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئەينەك ۋە مېتال بۇيۇملار بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا ئۆرۈلۈپ چۈشسە ئادەمنى زەخمىلەندۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل بۇيۇملاردىن ياسالغان ئۆي سايمانلىرىنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. ئۆي سايمانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، كارىۋاتنى ئىچكى تامغا يېقىن، ئاسما چىراغدىن يىراق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
|