باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق بىلەن ئېلېكترونلۇق قازاننىڭ پەرقى
2008- 07- 31 18:29 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئېنېرگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر ئىككى خىل ئوچاق پاكىز، مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىنى مەنبە قىلغان. ئەمما ئىككىسىنىڭ ئېلېكتر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىنى ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ئارىسىدا خېلى ئوبدانلا پەرق بار. ھازىر بازاردا ئېلېكترون قازاننىڭ بىرى، بىر گەۋدىلىك؛ يەنە بىرى، ئايرىۋېتىلگەن ئىككىلا تۈرى بار. ئايرىۋېتىلگەن توك قازاننىڭ قازىنى بىلەن ئىسسىقلىق تاختىسىنى ئايرىۋەتكىلى بولىدۇ، يۇيۇپ تازىلاش نىسبەتەن قولاي، ئەگەر بىز ئوخشاش قۇۋۋەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن ۋە ئايرىۋېتىلگەن توك قازاننى ئىشلىتىپ، ئوخشاش ھەجىمدىكى سۇنى قايناتماقچى بولساق، ئايرىۋېتىلگەن توك قازاندىكى سۇنىڭ قاينىشىغا كەتكەن ۋاقىتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توك قازاندىكى سۇنىڭ قاينىشىغا كەتكەن ۋاقىتتىن %25 ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن توك ئوچاقنى ئوخشاش ئۇسۇلدا سىناق قىلساق، بىر گەۋدىلەشكەن توك ئوچاقتىكى سۇنىڭ قاينىشىغا كەتكەن ۋاقىت ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقتىكى سۇنىڭ قاينىشىغا كەتكەن ۋاقىتتىن %35 كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ توكنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى، سۇغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.

     ئىقتىدار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسىنى بەش دەرىجە بويىچە كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ھەر بىر دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلاتقا ماس كېلىدۇ. ئېلېكتر ئوچاقنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى ‹‹ كونتروللۇقسىز›› دەرىجىدە بولۇپ، ئىسىقلىق دەرىجىسىنى ئادەم پەرىزىگە ئاساسەن تەڭشەيدۇ.

     باھا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېلېكتر ئوچاقنىڭ باھاسى ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە سىغىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئادەتتە 100 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولىدۇ، ئەمما ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ باھاسى 500 يۈەندىن كەم ئەمەس. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %9 كە ئاران يېتىدىكەن، ئەمما ئېلېكترونلۇق ئوچاقنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %80 تىن ئاشىدىكەن. دېمەك، باھا مەسىلىسى بۇ يەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ