|
نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا ئۇنىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى تەكشۈرۈشتە ئۇنى خوتقا سېلىش ئارقىلىق، غەيرىي ئاۋازنىڭ بار – يوقلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭدىكى كاشىلىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، ئالدى ۋە ئارقا خوتلارنى ياخشى تەكشۈرۈش. ناۋادا ھەر قېتىم خوتقا سالغاندا چىشلىق چاق تېگىشىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە بۇ موفتىنىڭ سۇيۇقلۇق بېسىم سىستېمىسى ياكى سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچتە كاشىلا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچى، نورمال خوتقا سېلىشقا بولۇش –بولماسلىقىنى تەكشۈرۈش. ناۋادا نورمال خوتقا سالغىلى بولمىسا ياكى چىشلىق چاق تېگىشىش سەۋەبلىك ئاۋاز چىقسا ۋە ياكى خوتقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن خوتتىن چىقارغىلى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىسىنىڭ خوتنى ئالماشتۇرىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر يۇقىرقىلاردەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچىنچى، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچتە ماي ئېقىش ئەھۋالىنى بايقالغاندا، بۇ سىلىقلاش مېيىنىڭ زىيادە كۆپ ياكى ھاۋا ئۆتكۈزۈش تۆشۈكچىلىرىنىڭ راۋان بولماسلىقى سەۋەبىدىن ماي ئاققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تۆتىنچى، ناۋادا سۈرئەت ئاستىلاپ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ خالاس ھالەتتە تۇرغاندا غەلىتە ئاۋاز ئاڭلانسا، بۇ جەينەكلىك ئوق بىلەن سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ ياخشى قوراشتۇرۇلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
|