|
پالەكنى دۇفۇ ياكى سۈت بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. چۈنكى پالەك تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ، بۇ خىل كىسلاتا دۇفۇ تەركىبىدىكى كالىتسىي ماددىسى بىلەن بىرىكىپ كالىتسىي ئوكسىلات بولۇپ شەكىللىنىپ ، كالىتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. كالىتسىي ئوكسىلات ئاسان پارچىلانمايدىغان بىر خىل بىرىكمە ماددا ، شۇڭا كالىتسىي تولۇقلاش زۆرۈر بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، پالەك بىلەن دۇفۇنى بىللە قورۇپ دۇفۇ بىلەن ئىستېمال قىلىشقا ياكى ئايرىم قورۇپ بىللە ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پالەك سۈت تەركىبىدىكى كالىتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغىمۇ تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا مەيلى پالەك شەربىتى بولسۇن ياكى پالەك بولسۇن، ھەرگىز سۈت بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
شوخلىنى پالەك ياكى بوغراش بىلەن بىللە ئىستېمال قىلاسلىق لازىم. تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىق قان ئازلىق كېسىلى بارلارغا قاندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بىر قەدەر مول بولغان پالەك، بۇغداش قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش بۇيرۇلىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇنداق يېمەكلىكلەرگە ھەرگىزمۇ شوخلا قوشۇپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى شوخلا تەركىبىدە ‹‹ تاننىن›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇ تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىۋېلىپ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسىمۇ تۆمۈر ماددىسىنى چۆكتۈرۈش رولىغا ئىگە، شۇڭا تۆمۈر تولۇقلاپ قاننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەۋاتقان مەزگىلدە، چاينى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بولغان ئۈزۈم، شوخلا ، دولانە، ئانار، يازلىق يېسىۋىلەك قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. راك، بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى ۋە كالىتسىي مول بولغان يېمكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەردىكى تاننىن كىسلاتاسى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاقسىل ماددىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كالىتسىي ماددىسى بىلەن بىرىكىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بىر خىل ماددىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاشقازان ئۈچەي يولىرىنى غىدىقلاپ، كۆڭۈل ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق بىئاراملىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
قاسراقلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ ۋىتامىن ‹‹C›› ئىچمەسلىك كېرەك. قاسراقلىق يېمەكلىكلەر بولۇپمۇ راكنىڭ تەركىبىدە ئارسىن بىرىكمىسى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئۇ بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ، كۆپ مىقتاردىكى ۋىتامىن C بىلەن ئۇچراشسا، تېزلا زەھەرچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سەنكىياغا ئۆزگۈرۈپ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ. سەنكىيادىن زەھەرلىنىش ئېغىر بولسا ھەتتا ئۆلۈشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۈت پىشۇرغاندا شېكەر قوشماسلىق كېرەك . چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى لىزىن بىلەن شىكەر يۇقىرى تېمپېراتۇرادا بىر خىل زەھەرلىك ماددا شېكەرلىك لىزىننى شەكىللەنۈرىدۇ، بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنىگە ئاسان قوبۇل قىلىنىپ بەدەننى زەخمىلەندۈرىدۇ.
ئاپېلىسىن يەپ سۈت ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسى ئاپېلىسىن تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى بىلەن ئۇچراشسا دەرھال ئۇيىۋېلىپ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ ھەم ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ.
تاتلىقياڭيۇ بىلەن شوخلىنى بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە كراخمال بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
ئەگەر شۇخلا قوشۇپ يېيىلسە، پەمىدۇر تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى مېۋە يىلىمى ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بىرىكمە ھاسىل قىلىپ، ھەزىم بولماي ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
|