باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2008- 07- 30 18:45 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     1. تازىلانغان سۇ ئىچىڭ . ئوكسىدلاندۇرۇپ تازىلانغان تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى ناھايتى چوڭ.

     2. پاكىز يۇيۇلمىغان كۆكتات بىلەن كاۋاپنى كۆپ يېمەڭ . ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى دۈملەپ ياكى پىشۇرۇپ يىگەندە ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل بولمايدۇ . ئەمما ئۇنى كۆمۈر چوغىدا كاۋاپ قىلغاندا ، بۇ راكنى پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئايلىنىدۇ . يېڭى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ، تۇرۇپ قالغان نەرسىلەرنى ئاز يېيىش ، جاڭيۇنى ئازراق ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

     3. ھاراق ، تاماكىنى زىيادە ئىستېمال قىلماڭ . ھاراق ، تاماكا ئۆپكە ، كېكىردەك ، قىزىلئوڭگەچ راكى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، باشقا ئەزالاردا ئۆسمە پەيدا قىلىش خەتىرى ناھايتى يۇقىرى.

  4 . ئوزۇقلىنىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ . كۆكتات ، مېۋە–چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش ، بېلىق ، تۇخۇم ، قۇش گۆشى ، قارا گۆشنى مۇۋاپىق يېيىش ، سېمىز گۆش ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

رۇقىيە تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ