|
ھەسەلنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ ، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ ، تالنى كۈچەيتىدۇ ، خاپىغاننى ئالىدۇ ، ئاغرىق توختىتىدۇ ، زېھنىنى ئاچىدۇ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ ، يۈرەك خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ .
*ھەسەلنى تاتلىق قۇستە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، تاياق زەربىسىدىن ئىششىغان ، كۆك چۈشكەن ئورۇنغا ، داغقا چېپىپ بەرسە ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ .
*ھەسەل ئەنزۇرۇت تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلسا ، تېرىدىكى يىرىڭنى تارتىدۇ ، كېسەللىك ئورنىدىكى ئىششىق گۆشلەرنىمۇ ساقايتىدۇ .
*100 گرام ھەسەلگە ئىسسىتىلغان بىر خالتا سۈت نى ئېزىلگەن بىر تال باناننى قوشۇپ ھەر ئاخشىمى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، قەۋزىيەتكە ياخشى داۋا بولىدۇ .
|