باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ئاق كېسەل ئاغرىقلىرىغا ماس كەلمەيدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر
2008- 07- 29 17:08 تەڭرىتاغ تورى

      ئاق كېسەل ئۇزاق مەزگىل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن ، ئادەمنىڭ ھەدىدىن زىيادە سوغۇق مىجەزلىكىدىن ، قاننىڭ سوۋۇپ كەتكەنلىكىدىن ۋە كەم قانلىقتىن پەيدا بولىدۇ . بەزى پېشقەدەم تېۋىپلارنىڭ قارىشىچە ، بۇ كېسەل توخۇ ، ئۆردەك ، غاز ، كەكلىك تۇخۇمىنى ۋە سۈت ، قېتىق ، ئاق ئالما قاتارلىق ئاق رەڭلىك يېمەك – ئىچمەكلەرنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن پەيدا بولىدىكەن .

     ئۇيغۇر تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن  قارىغاندا ، ئاق كېسەلنى يىلتىزىدىن (قاندىن) تازىلاپ داۋالاش مۇھىم مەسلە ئىكەن . ئەگەر مۇنداق قىلماي تېرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ، قارا پېگمېنت ،ئوپېراتسىيىسى قىلغاندا ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قايتىلىنىدىكەن . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ  مۇۋاپىق ئۇسۇلى : ئىچى – سىرتىدىن دورا قىلىپ ، قاننى قىزىتىش ، ئومۇمىي بەدەننى قىزىتىش ، ئاپتاپقا قاقلىنىش ، بەدەننىڭ ئىچى – سىرتىنى قىزىتىش ئۇسۇلى ئىكەن . بۇ كېسەلدە پەرھىز تۇتۇلىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر : لەغمەن ، سوميەن ، سۇيۇقئاش ، سۈت ، قېتىق ، تۇخۇم ، قاتكۆك ، تەرخەمەك ، كەرەپشە ، كۈدە ، مۇچ ، ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك ، ئاق ئۈزۈم ، ئاپېلىسىن ، ئامۇت .

ئابدۇغېنى مەتقاسىم تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ