باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
تورغا خۇمار بولۇش چوڭ مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
2008- 07- 29 16:39 تەڭرىتاغ تورى

     تورسىمان مېڭە كېسەللىكى تېببېي ئىلمىدە ‹‹ئالاقە تورى كەكتۈرۈپ چىقارغان خۇمار بولۇش كېسەللىكى››(قىسقارتىپ IAD) دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ خەتىرىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ .

     چوڭ مېڭە چارچايدۇ . كوميۇتېرنى ھەدىدىن ئارتۇق ئىشلىتىپ چارچىغاندا ، ئادەم تېنىدە چارچاشتىن بولىدىغان توكسىن ھاسىل بولىدۇ . كۆپ مىقداردىكى توكسىننىڭ ئالمىشىشى ئورگانىزم تۇقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ . مېڭىنىڭ چارچاش ئالامەتلىرى ئادەتتە باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، زېھنىنى يىغالماسلىق ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۆۋەنلەش ، كېچىسى تەرلەش ، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچراش ، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلاردۇر .

     چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . كۆپ مىقداردىكى توكسىن چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماس قىلىپ ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈۋېتىدۇ .

     چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈۋېتىدۇ . IAD ئاغرىقلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىدە قاشاڭلىشىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ ، ئۇلار ئۆگنىش قىزغىنلىقى يوقۇلۇش ، تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ .

      چوڭ مېڭە سەكتىسى پەيدا بولىدۇ . IAD ئاغرىقلىرىنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋا مەركىزى دائىم يۇقىرى دەرىجىدىكى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ ، يۇقىرى قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن  سەكتىنى پەيدا قىلىدۇ .

مۇھەممەت قادىر تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ