|
قوغداش بەلگىسى سۈپىتىدىكى قىزىل كرېست ئۇرۇش مەزگىلىدە ‹‹جەنۋە ئەھدىنامىسى››گە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە بولۇپ، ‹‹جەنۋە ئەھدىنامىسى››نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ۋە ماددىي ئەشيا (تېببىي خادىملار، داۋالاش تارماقلىرى، ئاپتوموبىل ۋە ئۈسكۈنىلەر) نى قوغداشقا سىمۋول قىلىنغان. ‹‹جەنۋە ئەھدىنامىسى››گە قاتناشقان دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي داۋالاش تارماقلىرى، شۇنداقلا ھەربىي داۋالاش تارماقلىرىغا ياردەم بېرىدىغان ھەم رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرى، بولۇپمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ياكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بۇ قوغداش بەلگىسىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق. بىراق، ئۇنى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يەنە كېلىپ ھەربىي دائىرىلەرنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
‹‹جەنۋە ئەھدىنامىسى››نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ بەلگىنى ئۇرۇش مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ياكى خەلقئارا كومىتېت، خەلقئارا بىرلەشمىسى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭ مەيدانىدىكى داۋالاش خادىملىرىنى قوغداش بەلگىسى قىلىنىدۇ، ھەر قانداق قوراللىق قىسىمنىڭ قىزىل كرېست بەلگىسى بار ئاپتوموبىل، خادىم، ئەسلىھەگە ھۇجۇم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ھۇجۇم قىلغانلار ئۇرۇش جىنايەتچىسى، دەپ قارىلىدۇ.
كولۇمبىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بۇ قېتىم تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشتا قىزىل كرېست بەلگىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى كولۇمبىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتتى. كولۇمبىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە قىزىل كرېست بەلگىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەتكەنلىكى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بىتەرەپلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى، بۇ ھەرىكەت كېيىن ھەقىقىي قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|