باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئاجايىپ كۇتۇپخانىلار
2008- 07- 29 11:34 شىنجاڭ گېزىتى

   ئۇچقۇر كۇتۇپخانا ئامېرىكىدىكى ئالياسكا شتاتىنىڭ يېرى كەڭ، ئادىمى ئاز، قاتنىشى قۇلايسىز، ئەمما بۇ شتاتتا كىتاب ئوقۇش ئىنتايىن قۇلايلىق. كۇتۇپخانا ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن كىتاب ئارىيەت ئېلىش تالونىغا ئاساسەن كىتابنى ئايروپىلان بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

   مىكرو كۇتۇپخانا ئامېرىكىدىكى بىر مىكرو كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، بارلىق كىتابلارنى بىر نەچچە چامادانغا قاچىلاپ ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ.

   پوچتا ماركىسى كۇتۇپخانىسى ئەنگلىيىدىكى بىر پوچتا ماركىسى كۇتۇپخانىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاشمىغان دەۋرلەردە تارقىتىلغان پوچتا ماركىسىدىن 6 مىليوندىن كۆپرەكى ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا پوچتا ماركىسى يىغىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر.

   پويىز كۇتۇپخانىسى ئاۋسترىيە پايتەختىدىن گوللاندىيە پايتەختىگە بارىدىغان تۆمۈريول لىنىيىسىدە يولۇچىلارنىڭ زېرىكىشىنى  تۈگىتىش ئۈچۈن پويىزدا مەخسۇس كۇتۇپخانا تەسىس قىلغان. ئايلىق بېلىتى بار يولۇچىلار بۇ كۇتۇپخانىدا ھەقسىز كىتاب ئوقۇيالايدۇ. كۇتۇپخانىدا نۇرغۇن كىتاب ساقلانغان بولۇپ، يولۇچىلار مەنزىلگە بارغىچە كىتابنى كۆرۈپ بولالمىسا، ئارىيەت ئېلىش ۋاقتىنى يەنە تۆت ھەپتە ئۇزارتسا بولىدۇ.

   ھاراققا دائىر كىتابلار ساقلىنىدىغان كۇتۇپخانا ياپونىيىنىڭ خۇاڭبىن دېگەن يېرىدىكى مەخسۇس ھاراققا ئائىت كىتابلار ساقلىنىدىغان كۇتۇپخانىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داڭلىق ھاراقلىرى، شۇنداقلا ھاراققا ئائىت كىتابلار ساقلىنىدۇ.

ئابلەت مۇھەممەد توغراق تەرجىمىسى 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ