باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
چىگىت ئېسىل يېمەكلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
2008- 07- 29 11:07 شىنجاڭ گېزىتى

   ئىنسانلار ئېتىبارسىز قارايدىغان بىر خىل زىرائەت ئۇرۇقى ئىنسانلار يېمەكلىكلىرى قاتارىغا قوشۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ چىگىت بولۇپ، كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ئېسىل يېمەكلىكىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى تەجرىبىسىگە قارىغاندا، چىگىتتىكى زەھەرلىك ماددا چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ساقلاپ قېلىنغاندا، دۇنيا بويىچە ھەر يىلى 500 مىليون ئادەمنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

   ھازىر دۇنيادىكى 80 نەچچە دۆلەتتە كېۋەز تېرىلىدۇ. پاختا  تالا سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى. ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كېۋەز مۇھىم ئىقتىسادىي زىرائەت. ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدە تەخمىنەن 20 مىليون دېھقان كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. لېكىن كىشىلەر كېۋەزنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىگە، يەنى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىلنىڭ كۆپلۈكىگە سەل قاراۋاتىدۇ. كېۋەزدىن بىر كىلوگرام تالا چىقىش بىلەن بىللە 1.65 كىلوگرام يۇقىرى ئاقسىللىق چىگىت چىقىدۇ. بۇنداق ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئاقسىل ئىنتايىن كۆپ بولىدىغان پۇرچاققا ئوخشاش سان – ساناقسىز ئادەمنىڭ ئاقسىلغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن پاختا تالاسى كېمىيىپ كەتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ چىگىتنى ئىستېمال قىلماسلىقىغا ئۇنىڭدا بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولغانلىقى سەۋەب بولغان، بۇ ماددا كېۋەز فېنولى(سىركە كىسلاتالىق كېۋەز فېنولى) دەپ  ئاتىلىدۇ.

   ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسۈملۈكلەر گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتى ۋە بىئوتېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى رىبوزىلىق يادرو كىسلاتاسى (RNA)دىن پايدىلىنىپ كاشىلا تۇغدۇرۇش تېخنىكىسى (بۇ تېخنىكا كەشپىياتى 2006 – يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)نى ئىشلىتىپ، بىر خىل ئاچقۇچلۇق ماددا فېرمېنتنى ئاجراتتى، بۇ چىگىت تەركىبىدىكى كېۋەز فېنولىنىڭ %98 ىنى چىقىرىۋېتىپ، %2 ىنى كېۋەزنىڭ زىيانداش ھاشاراتلار ۋە كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن كېۋەزنىڭ ئۆزىدە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېنى مۇشۇنداق بىرتەرەپ قىلىنغان پاختىدىن ئۇرۇقلۇق چىگىت قالدۇرغاندىن كېيىن، كېۋەزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى كېۋەز فېنولىدىن خالىي بولۇپ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى.

   چىگىتتىكى زەھەرلىك ماددا چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، چىگىت كىشىلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىككە ئايلىنىدۇ. كېۋەز فېنولى چىقىرىۋېتىلگەن چىگىتنى ياڭاق، كاشتان،  يەر ياڭىقى (خاسىڭ) قاتارلىق قاتتىق يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش يېگىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، قورۇپ، تۇزلاپ يېگىلى، يۇمشىتىپ بۇغداي، كۆممىقوناق، تېرىق، ئاققوناق ئۇنلىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ، بولكا (نان) پىشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئارىلاش يېمەكلىكنىڭ تەمى مەززىلىك بولىدۇ، لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى، بۇنداق يېمەكلىكتىكى ئۆسۈملۈك ئاقسىلى تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى تېخىمۇ ئاشىدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە 10 ––– 20 يىلدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ چىگىت يېمەكلىكىگە ئېرىشەلەيدۇ، دېدى.

ئەنۋەر تۇرسۇن تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ