|
كىشىلەرنىڭ بانكا كرېدىتىدىكى ئىناۋىتىنى باھالاشتا ئۇلارنىڭ كرېدىت خاتىرىسى ئاساس قىلىنىدۇ. كىشىلەر قەرز پۇل ئالمىغان ھەم كرېدىت كارتىسى ئىشلەتمىگەن بولسا، ئىناۋەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. قەرزنى بالدۇر قايتۇرۇشنىڭ كرېدىت كارتىسى ئىشلەتكۈچى شەخسلەرنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئانچە پايدىسى يوق. قەرزنى بىر، ئىككى قېتىمغىچە قايتۇرۇش ئاسان، ئەمما ئۇزاققىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇش ئاسان ئەمەس. كىشىلەر قەرزنى ئۇزاققىچە ۋاقتىدا قايتۇرسا، بۇ ئۇلاردا توختامغا ئەمەل قىلىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئىناۋەت ئېڭى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
كرېدىت كارتىسىدىكى قەرز قەرەلىدە ئەڭ تۆۋەن سوممىسى بىلەن قايتۇرۇلسا، بۇ قەرز قايتۇرغۇچىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى بانكا كرېدىت كارتىسى تارقاتقاندا خېرىدار بىلەن قەرزنى ئەڭ تۆۋەن سومما بىلەن قەرەلىدە قايتۇرسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم تۈزىدۇ.
بىر قىسىم كىشىلەر كرېدىت كارتىسىنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، بانكىنىڭ يىللىق ھەقنى ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىناۋەت توغرىسىدىكى مەلۇماتىغا يېزىشىدىن نازارى بولىدۇ. بۇ ھەقتە جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا، مۇھىمى، توختامغا قاراش كېرەك، ئەگەر توختامدا كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن يىللىق ھەق ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، كارتا ئالغۇچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ؛ ھازىر سودا بانكىلىرى ئىشلىتىلمىگەن كرېدىت كارتىلىرىدىن يىللىق ھەق ئېلىۋاتىدۇ، سودا بانكىلىرىنىڭ قەرز كارتىلىرىنى بېجىرگەندە تۈزىدىغان توختامنامىسىدە A تەرەپ (بانكا تەرەپ)نىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە كارتا ئالغۇچىلاردىن يىللىق ھەق، يىتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىش ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر يىللىق ھەق تاپشۇرۇلمىسا، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار شۇ كىشىنىڭ ئىناۋىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتقا خاتىرىلىنىدۇ. شۇڭا زۆرۈر بولمىغان ئاۋارچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسىڭىز، ئىشلىتىلمىگەن ھەم يىللىق ھەق چىقىرىلمىغان كرېدىت كارتىسىنى ئەڭ ياخشىسى تىزىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|