|
يېقىندا، مەلۇم ئىقتىساد باشقۇرۇش ئورنىنىڭ دىرېكتورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كونىلاردا ‹‹ئېقىن سۇ سېسىمايدۇ›› دېگەن گەپ بار. شۇڭا ئىدىيىدىكى قاتماللىقنى تۈگىتىشىمىز، ئىقتىساد باشقۇرۇش پىلانىمىز بازار ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىساد باشقۇرۇش پىلانىمىزنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن ۋاقتىدا تەڭشىشىمىز كېرەك.
كىرىم نىشانىمىزنى تەڭشىشىمىز كېرەك
مەلۇم بانكىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دېدى: 2006 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە بولغان چاپ – چاپ بازار ئاخىرلاشتى، ھازىر بازار كاساتلاشتى دېيىشكە بولىدۇ. پايچىلار ياكى فوندچىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى ئوبدان دەڭسىشى كېرەك. ئىلگىرى پايچى ۋە فوندچىلار بازارنى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن، مەبلەغ سالسىلا ئاساسەن پۇل تاپتى. لېكىن بۇ يىلقى بازار زور پايدا ئالالمايدىغانلىقىمىز، روھىي ھالىتىمىزنى نورمال تۇتۇشىمىز، كۆپ پۇل تېپىشتىن بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمەسلىكىمىز، قانداق قىلغاندا مەبلىغىمىزنى قوغداپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز ھەققىدە بىزگە سىگنال بەرمەكتە. شۇڭا پايدا مۆلچەرىمىز تۆۋەنرەك بولسا، روھىي ھالىتىمىزمۇ نورمال بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
فوندنىڭ سەپلىمە تۈرلىرىنى تەڭشىشىمىز كېرەك
ئالدىنقى ئىككى يىلدا پاي بازىرى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولغانلىقتىن، فوندچىلار پاي تىپىدىكى فوندلارغا مەبلەغ سېلىشنى تاللىدى. لېكىن پاي تىپىدىكى فوند، ئاساسلىقى، پاي بازىرىغا سېلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ يىل پاي بازىرى كاساتلىشىپ، فوندچىلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، بەزىلىرى ھەتتا %30 – %40 زىيان تارتتى. كەسپىي خادىملار مۇنداق دېدى: فوندچىلار پاي بازىرىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسلانغاندا، قولىدىكى پاي تىپىدىكى فوندلىرىنى زايوم تىپىدىكى فوندقا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
مەلۇم بىر سودا بانكىسىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دېدى: 2008 – يىلىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ بولدى، جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرىنى كۆزەتكەندە، يىل بېشىدا پاي بازىرىدا داۋالغۇش بولۇپ، پاي قىممىتى چۈشۈپ كەتتى، پاي بازىرى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى پەيىتتە مەبلەغ سالغانلار ئېغىر زىيان تارتتى. شۇڭا كېيىنكى يېرىم يىلدا كاپىتال بازىرىدا روشەن ياخشىلىنىش بولۇشتىن بۇرۇن، مەبلەغ سالغۇچىلار، ئەڭ ياخشىسى، فوند ھەجىمىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.
ئامانەت نىسبىتىنى تەڭشىشىمىز كېرەك
ھازىر پۇلنى بانكىغا پۈتۈن ئامانەت قويۇپ، پۈتۈن ئالغاندا ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئۈچ ئاينىڭ % 33.3، ئالتە ئاينىڭ % 78.3، بىر يىلنىڭ % 14.4، ئىككى يىلنىڭ % 68.4، ئۈچ يىلنىڭ % 4.5، بەش يىلنىڭ % 85.5. پاي بازىرى چاپ – چاپ بولغاندا بۇنداق پايدىغا ھېچكىم كۆز قىرىنى سالمايدۇ. لېكىن بازارنىڭ پايدىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش دەسمايىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىخەتەر يولى، دەپ ئويلايدۇ. بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا، ھازىر بىر قىسىم بانكىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت تۈرلىرىگە، يەنى 30 كۈنلۈك، 50 كۈنلۈك، 60 كۈنلۈك ئامانەت تۈرلىرىگە پۇل ئامانەت قويسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈمى قەرەلسىز ئامانەتتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئاھالىلەرنىڭ ئېشىنچا پۇلى بولسا، ھازىرقى مەبلەغ سېلىش بازىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئەھۋالدا، بانكا ئامانىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرسا بولىدۇ.
كېيىنكى يېرىم يىلدا مەبلەغ سېلىشتىكى سىر
كەسىپ ئەھلىلىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت چوڭ نۇقتىنى يەكۈنلىدى:
1.ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاساسى تېمىلىق مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى ئېلىپ كېلەمدۇ – يوق ؟
بۇلتۇر، 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك پايلارنىڭ باھاسى بارغانسېرى ئۆستى، نۇرغۇن پاينىڭ قىممىتى مۆلچەرلىگەن سەۋىيىدىن خېلى ئېشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ساراسىمىگە سالدى. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار پاينىڭ ئىچكى قىممىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى پاينىڭ قىممىتى بەرىبىر ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن بەك چەتنەپ كەتمەيدۇ.
2. ئالتۇننىڭ باھاسى قانداق بولىدۇ؟
نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، خەلقئارادا نېفىت بىلەن ئالتۇننىڭ باھاسى مۇناسىۋەتلىك. يەنى نېفىتنىڭ باھاسى ئۆسسە، ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ ئۆسىدۇ، لېكىن دوللارنىڭ قىممىتى ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن مەنپىي مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، يەنى دوللارنىڭ كۇرسى چۈشسە، ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خەلقئارادا نېفىتنىڭ باھاسى ئۇدا ئۆرلەپ، دوللارنىڭ قىممىتى ئۇدا چۈشتى، ھەر بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1000 دوللاردىن ئاشقاندىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇرەككەپلەشتى، ئالتۇننىڭ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتى قىسمەن كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. بىراق كەسىپ ئەھلىلىرى ئومۇميۈزلۈك: ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئالتۇن يەنىلا مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە، دەپ قارىدى. بىراق، بۇ ئۇزاق مەزگىل قانچىلىك ۋاقىت، بۇنىڭغا ھېچكىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. خەلقئارالىق ئادەتتىن قارىغاندا، كېيىنكى يېرىم يىلدا يەرشارى بويىچە ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. كەسىپ ئەھلىلىرى يەنە: دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ئاستىلايدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا ئالتۇننىڭ باھاسى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.
3. فوند يەنە مەنپىي ئاشامدۇ؟
مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ئېلىمىزدە 58 فوند باشقۇرۇش شىركىتى بار. ئۇنىڭ قارىمىقىدا تۆتIIDQ فوندىدىن باشقا 342 خىل فوند بار. بىرىنچى پەسىلدە فوندنىڭ ئومۇمىي زىيىنى 647 مىليارد 499 مىليون يۈەنگە يەتتى، يەنى، %80 فوند زىيانغا ئۇچرىدى، باشقۇرۇلۇۋاتقان مال – مۈلۈكنىڭ قىممىتى 2 تىرىليون 475 مىليارد يۈەن ئازايدى، فوند جۇغلانمىسى % 68.74 تۆۋەنلىدى. كېيىنكى يېرىم يىلدا فوندنىڭ قانداق بولۇشى يەنىلا بىر سىر.
4. ئۆي باھاسى چۈشەمدۇ؟
يېقىندا ئۆي – زېمىن كەسپىدىمۇ باش قېتىنچىلىق كۆرۈلدى، قىسمەن ئۆي – زېمىن شىركەتلىرىنىڭ مەبلىغى قىس بولدى. شۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈش – چۈشمەسلىكى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىدە بازاردا تەرەپلەرنىڭ رىقابەتلىشىش نەتىجىسىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۆي سېتىۋېلىش پىلانىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
|