|
1. سەۋر قىلىڭ، پۇرسەت كۈتۈڭ،جانلىق بولۇڭ
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ پاي بازىرىدىكى باھا كۆرسەتكۈچى% 50 چۈشۈپ كەتتى. خېيىمخەتەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ ياكى پاي بازىرى يەنە داۋاملىق تەڭشىلەمدۇ؟ داۋاملىق تەڭشەلسە، يەنە قانچىلىك تەڭشىلەر؟ بۇلار، كېيىنكى يېرىم يىلدا فوندقا مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، تاكتىكىڭىزنى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس تەڭشەپ تۇرمىسىڭىز، كېيىنكى يېرىم يىلدا فوندقا سالغان مەبلىغىڭىزدىن ئويلىغىنىڭىزدەك پايدا ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
سودىگەر چاقىرىش ئاكسىيىسىنىڭ تەھلىلچىسى ۋاڭ دەننى مۇنداق دېدى: بازارنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ئېنىق بولمىغاندا، فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلار بازار خېيىمخەتىرىدىن ساقلىنىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەڭ ياخشى چارە يەنىلا پۇرسەت كۈتۈشتىن ئىبارەت.
‹‹شېنيىن ۋەنگو›› ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى جۇ يۈن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلىگەندە، پاي شەكىللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى زايوم شەكىللىك فوندنىڭكىدىن كۆپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە پاي شەكىللىك فوندلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى يارىتىلىشى مۇمكىن.
‹‹سەددىچىن›› ئاكسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى يەن خۇڭنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە فوندقا مەبلەغ سېلىشتا، فوندنىڭ پاي تاللاش ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان دەڭسىشىمىز لازىم ئىكەن. ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئەلا فوندلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالسا، قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار كۆرسەتكۈچ شەكىللىك فوندلارنى ئاساس قىلسا بولىدىكەن. بازاردىكى قىسقا مەزگىللىك تەڭشەش ئاياغلىشىپ، ياخشى پاي ۋە فوندلارنىڭ باھاسى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەندە، مەبلەغ سالغۇچىلار ياخشى فوندلارنىڭ ۋەكىلى بولغان شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 50 پايلىق فوند (شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 50 خىل پاينىڭ باھا كۆرسەتكۈچىگە قاراپ، مەخسۇس مۇشۇ 50 پايغا مەبلەغ سالىدىغان پاينى كۆرسىتىدۇ)نى سېتىۋالسا بولىدىكەن؛ بازاردىكى فوندلارنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەندە، شاڭخەي، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىلىرىدىكى 300 پايلىق فوند، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 100 پايلىق فوندتىن سېتىۋالسا بولىدىكەن. شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدىكى ئۇنىۋېرسال پاي باھاسى كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىدىغان پايلارنىڭ باھاسى بىر ئىزىدا توختىغاندا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پايلىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىنى قوغلىشىدىغان فوندنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.
2. فوند ئورۇنلاشتۇرغاندا خەتەردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ
جۇ يۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە قولىڭىزدىكى فوندلارنىڭ % 30ى يېپىق شەكىللىك فوند، % 30ى ئوچۇق شەكىللىك پايسىمان فوند، % 15ى زايومسىمان فوند، % 25ى پۇل شەكىللىك فوند ياكى نەق پۇل ئامانىتى بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
سودىگەر چاقىرىش ئاكسىيىسىنىڭ تەھلىلچىسى ۋاڭ دەننى مۇنداق دېدى: يېپىق شەكىللىك فوندنى سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچلىرىنى ئوبدان تەھلىل قىلىش لازىم. يېقىندىن بۇيان، بىر قىسىم فوندلارنىڭ باھاسى ئۆزىنىڭ ساپ قىممىتىدىن چەتنىگەن ھالدا زىيادە تېز ئۆرلەپ، باھاغا سۇندۇرۇلۇش نىسبىتى مۇۋاپىق سەۋىيىدىن ھالقىپ كەتتى، شۇنداقلا بۇ فوندلارنى ئېلىپ – سېتىش بەكلا كۆپ بولۇۋاتىدۇ، يېپىق شەكىللىك فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلار قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغلەرنىڭ فوند باھاسىغا كۆرسىتىدىغان زەربىسىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم.
‹‹دېباڭ›› ئاكسىيىسىدىكى خادىملار فوندقا مەبلەغ سېلىش جەريانىدا، فوندلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، باسقۇچلار بويىچە سېتىۋېلىشنى تەكلىپ قىلدى. مەبلەغ سالغۇچىلار يېڭى فوندلاردىن سېتىۋالماقچى بولسا ھەم شۇ فوندنىڭ ئەمەلىي مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىغا، ھەم فوند شىركىتى ۋە فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىغا قارىشى لازىم. فوند باشقۇرغۇچىنىڭ چاپ – چاپ بازاردا كۆرۈنەرلىك كىرىم ياراتقانلىقىنىلا كۆرۈپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، فوند باشقۇرغۇچىنىڭ بازاردا خېيىمخەتەر كۆپەيگەندىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۇقىم، سىجىل نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان – ئېرىشتۈرەلمەيدىغانلىقىغا قارىشى كېرەك.
|