باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
چىش چۈشۈش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ
2008- 07- 25 17:59 تەڭرىتاغ تورى

     شىۋېتسارىيە ئالىملىرى يېقىندا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىشى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى ، چىش چۈشۈشنىڭ سەۋەبى ئوخشىمىسا ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان . ئەگەر چىش ئۆزى بوشاپ چۈشۈپ كەتسە ، مەلۇم كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن چۈشۈپ كەتسە ، ئۇنتۇغاق ، چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن . يېقىندا ياپونىيە ئالىملىرى ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىپ ، ئەستە تۇتۇش سىغىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن چىش سانى ئارىسىدا شەرتلىك باغلىنىش بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . دوختۇرلار تەجرىبىگە قاتناشتۇرغان ھايۋانلارنىڭ چىشىنى تارتقاندىن كېيىن ، چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋىلىرى زەخمىگە ئۇچرىغان . تارتقان چىش سانى قانچە كۆپ بولغانسېرى زەخمىگە ئۇچرايدىغان نېرۋىلارمۇ شۇنچە كۆپ بولۇپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن .

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ