باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟
2008- 07- 24 18:29 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

      ھازىر ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالماقچى بولغان ئىستېمالچىلارغا مال ساتقۇچىلار ئۆينىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ ھەمدە ‹‹ قۇۋۋەت››ئاتالغۇسىنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ تونۇشتۇرىدۇ . ئادەتتە ، قۇۋۋىتى ئوخشاش بولمىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ باھاسىمۇ ئوخشىماسلىق بولىدۇ ، شۇڭا كۆپ ساندىكى ئىستېمالچىلارنىڭ نەزىرىدە ‹‹قۇۋۋەت›› ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ بىر مۇقىم ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

    ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا ، بىر ‹‹قۇۋۋەت›› 2500 ۋات / سائەتلىك سوۋۇتۇش ئىقتىدارى (25 تىپلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غا ، 1.5 ‹‹قۇۋۋەت›› 3500 ۋات / سائەتلىك سوۋۇتۇش ئىقتىدارى (35 تىپلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا ئىگە ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆرسىتىدۇ . باشقا تىپتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار دەرىجىسىگە قاراپ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ . ئەمما بازاردا ئىككى ‹‹قۇۋۋەتلىك ›› ھاۋا تەڭشىگۈچ يەنە ‹‹43 ›› ، ‹‹46›› ، ‹‹48›› (سوۋۇتۇش ئىقتىدارى 4300 ۋات /سائەت ، 4600 ۋات /سائەت ، 4800 ۋات /سائەتلىك ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنى كۆرسىتىدۇ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ . گەرچە بەزى ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ ‹‹قۇۋۋەت ›› ئاتالمىسى ئوخشاش بولسىمۇ ، لېكىن ماركىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ، قۇۋۋىتىدىمۇ پەرق بولىدۇ . شۇڭا ئىستېمالچىلار ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالغاندا چاغدا بارلىق ناملارنى قايرىپ قۇيۇپ ، خەلقئارا ئۆلچەم بولغان ‹‹ۋات›› نى ئاساس قىلىشى ، سوۋۇتۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىستېمال ئوبيېكتى قىلىشى لازىم .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ