باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى قانداق شەكىللىنىدۇ؟
2008- 07- 24 10:42 شىنجاڭ گېزىتى

پەرھات ئابلىز

    باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى  دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زھەر چەكتۈرۈش، ئىستېمال قىلدۇرۇش ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىش ئوبيېكتى مۇرەككەپ ئوبيېكت بولۇپ، باشقىلارنىڭ تەن – ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزىدۇ، بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. جىنايەت ئۇقۇمىدىكى ‹‹قىزىقتۇرۇش، كۈشكۈرتۈش››  باشقىلارغا زەھەرنى ئىستېمال قىلغان، ئوكۇل قىلىپ سالغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى تەشۋىق قىلشتەك ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى زەھەر ئىستېمال قىلىش، ئوكۇل قىلپ سالدۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش، كۈشكۈرتۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.  ‹‹باشقىلارنى ئالداپ زەھەر چەكتۈرۈش››  پاكىتنىڭ ئەينىنى يوشۇرۇش ياكى ساختا ھالەت پەيدا قىلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارغا زەھەر ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئوكۇل قىلىپ سالدۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىقتۇرۇلغان، كۈشكۈرتۈلگەن، ئالدانغان كىشىنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلغان، ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغاندىن كېيىن خۇمار بولۇپ قالغان – قالمىغانلىقى بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

    بۇ جىنايەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولىدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى زەھەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ ئىستېمال قىلدۇرغانلا بولسا، بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ.
‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 353 – ماددىسىدا‹‹ باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ زەھەر چەكتۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رىجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىدىكى ‹‹قىلمىشى ئېغىر بولۇش›› كۆپ قېتىم، كۆپ ئادەمگە، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، زەھەر چەكتۈرگەن، ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغان قىلمىشلارغا قارىتىلغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ