باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
2008- 07- 23 16:23 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ئادەتتە 50 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆرۈلىدۇ . بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك چېكىنگەچكە كۈندىلىك يېمەكلىك ئارقىلىقلا بەدەنگە كېرەكلىك كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا ياشانغانلار سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ، كالتىسي تولۇقلاش خۇرۇچلىرىنى نورمال ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . ئادەتتە ئانىئورگانىك كالتىسىي تولۇقلاش خۇرۇچلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى %35– %37 ، ئورگانىك كالتىسىي تولۇقلاش خۇرۇچلىرىنىڭ %12– %25 ئەتراپىدا بولىدۇ . ئورگانىك كالتىسي تولۇقلاش خۇرۇچىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئاجىز بولۇپ ، ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىز كىشلەرگە ماس كېلىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، ياشانغانلار يەنە مۇۋاپىق ئاقسىل تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىپ ، تاماق تاللىماسلىقى ، تۇرمۇش رېتىملىك بولۇشى ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ ، سۆڭەكنىڭ چىڭ ، مۇستەھكەم بولىشىغا ئاساس تىكلىشى كېرەك .

بېكمۇرات قىدىرخان تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ