باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ئاچچىقسۇنىڭ دورىلىق قىممىتى
2008- 07- 22 16:31 تەڭرىتاغ تورى

       ئىستېمال قىممىتى ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئاتسېلات، سۈت كېسلاتاسى، لېمون كېسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كېسلاتالار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە باكتېرىيە يوقىتىش، كونتىرول قىلىش رولىغىمۇ ئىگە. ئاچچىقسۇ تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ ، بەزىلەر ئۇنى ئوزۇقلۇقلارنى كۈچەيتكۈچى دەپ ئاتىشىدۇ ، بۇ ھەرگىز مۇبالىغە ئەمەس.ئەگەر تاماق ئەتكەندە ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيىۋەتسە، سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنB ۋە ۋىتامىن Cنىڭ خېمىيىلىك قۇرۇلمىسى مۇقىملىشىپ ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ساقلىنىپ قالىدۇ. ئاچچىقسۇ تائاملارنى مەززىلىك ، چۈرۇك قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى مىس، سېنىك ، خروملارنىڭ ئېرىشى ۋە ئورگانىزىمغا قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردىكى سېللىلوزا ۋە سۆڭەكلەرنى ئېرىتىدۇ.

    دورىلىق قىممىتى ئاچچىقسۇ ئادەتتە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ،ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسى ، ئاق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى يوقىتىش رولىغا ئىگە . ئۇندىن باشقا تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ ، ئۈچەيدىكى قۇرۇتلارنى يوقىتىدۇ . قىش ۋە ئەتىياز پەسللىرى داۋاملىق ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ تۇرسا ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

         مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ