|
1.بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار تۇز سۈيى بىلەن بوغۇزىنى چايقاپ بەرسە، ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
2.پىدىگەن يىلتىزىغا تۇز قوشۇپ قاينىتىپ ، پۇتىنى يۇيسا ئۈششۈك يارىسىنى ساقايتىدۇ.
3.تراخوما ۋە كۆز پەردىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ھەر كۈنى ئەتىگىنى تۇز سۈيى بىلەن كۆزىنى يۇيۇپ بەرسە ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ۋە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
4.تەركىبىدە بروم ۋە يود كۆپ بولغان دورىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىۋەتكەنلەر قايناق سۇغا ئازراق تۇز سېلىپ ئىچىۋەتسە، زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
5.ھەرە ، سەكسەنپۇت ، چايان چېقىۋالغان يەرنى تۇز سۇيى بىلەن دەرھال يۇيىۋەتسە، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
6.پاشا ، بۈرگە چېقىۋالسا دەرھال قۇرۇق تۇزنى چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، قىچىشىشنى توختىتىدۇ.
7.قايناق سۇدا كۈيۇپ قالغان ئورۇنغا تۇز سۈيىنى ئاستا–ئاستا سۈركەپ بەرسە، جاراھەت ئورنى ياللۇغلىنىپ قالمايدۇ.
8.بوغۇز ئىششىپ قالغاندا تۇزنى قورۇپ ، ئۇنى ئۇششاق ئېزىپ بوغۇزغا پۇۋلەپ كىرگۈزۈپ ، شۆلگەينى تۈكۇرۋەتسە ، ياللۇغنى يوقىتىپ ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
9.زۇكامداپ بۇرۇن ئىتىلىپ قالغاندا يىلىمان تۇز سۈيىدە بۇرۇن تۆشۈكىنى يۇيۇپ بېرىشنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ شۇنداقلا بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
10.جىددىي خارەكتېرلىك ، دائىرىلىك تېرە ياللۇغى ۋە تېرە قىچىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار تۇز سۈيىدە يۇيۇنۇپ بەرسە، قىچىشىشنى توختىتىدۇ.
11.پۇت يۇيىدىغان سۇغا 25 گرام چاي ۋە ئازىراق تۇز سېلىپ پۇتنى چىلاپ5 –10مىنۇت ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بەرسە ، پۇت تەرلەش يوقايدۇ.
12 .سوغۇقتىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش ياكى جىددىي خارەكتېرلىك دوۋساق پالەچلىنىش كېسەللىكى كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا تۇزنى قورۇپ قورساق قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
13. يۈرەك ۋە تالنى كۈچلەندۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە ، قورىغان تۇزنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، داۋالاش ئۇنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.ب ۆرەككە قۇۋۋەت بولىدىغان دورىلارنى تۇز سۈيى بىلەن ئىچسە بەدەنگە تېخىمۇ ئوڭاي قوبۇل قىلىنىدۇ.
14 .ئىچى سۈرگەندە تۇزنى قورۇپ لاتىغا ئوراپ ، قورساققا ئىسسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
15.جىددىي خارەكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىدىن ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۇش كېلىپ چىقسا ، تاماققا مۇۋاپىق مىقداردا تۇزقوشۇۋەتسە ، بەدەن سۈيۇقلۇقىنى تەڭشەش ۋە ئۈچەينى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|