باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
روھى بېسىم قانچە ئېغىر بولغانسېرى ئېغىزغا شۇنچە ئاسان يارا چىقىدۇ
2008- 07- 22 16:29 تەڭرىتاغ تورى

      ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ئىچىدە چىش مىلىكى كېسەللىكى ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكىدىن قالسىلا ئالدىنقى 3–ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىك . ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئادەتتە بەدەندە ۋېتامىن B، ۋېتامىنC ، تۆمۇر ماددىسى ۋە تەنچە كىسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن پەيدا بولىدۇ . تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە ، كەيپىيات ناچار بولۇش ، جىددىلىشىش ۋە زىيادە روھى بېسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىلكەن. تەتقىقاتچىلار214 نەپەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بىمارلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، بۇنىڭ ئىچىدىكى165نەپەر بىماردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەر خىل ناچار روھى–ھالەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان . چۈنكى روھى بېسىم ئامىلى بىۋاستە ئادەمنىڭ ئىمۇنتىت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئادەتتە ئانچە چوڭ كېسەللىك ھېسابلانمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئادەتتە كۆكتات ۋە مېۋە–چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندىن سىرت يەنە تۇرمۇش رېتىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، روھى–ھالەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ