باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ئاياللار مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋىپى تۆۋەن بولىدۇ
2008- 07- 22 16:23 تەڭرىتاغ تورى

       ئامرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئاياللار مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئۇلارنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋىپى تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار77000نەپەر ئاياللارغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تەجىرىبە ئېلىپ بېرىلغان16يىل ئىچىدە جەمئىي6600نەپەر ئايالنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشكەنلىگىنى بايقىغان. ئالىملار بۇنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئادەتتە مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللارنىڭ ، مېۋە–كۆكتاتلارنى ئانچە كۆپ ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارغاندا ئۆتىگە تاش چۈشۈش نىسبىتىنىڭ%21 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئالىملار بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ مېۋە–كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋېتامىنCنىڭ مول بولغانلىقىدا دەپ قارىغان شۇنداقلا ئاياللارنىڭ مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

  مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ