باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
يېڭى ياغ ھۈجەيرىلىرى ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
2008- 07- 21 12:30 شىنجاڭ گېزىتى

   ئورۇقلاشقا كىرىشكەن نۇرغۇن كىشى ئېغىرلىقى بىر مەزگىل سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېزلا ئەسلىگە قايتىپ قالغانلىقى−دىن پەرى−شان بولىدۇ. شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ ئەھۋالغا قىسمەن چۈشەندۈرۈش بېرىلدى.

   شۋېتسىيە كارولىن تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېقىندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك يېڭىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىشىلەر ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھۈجەيرىلەر ھەر يىلى% 10 نىسبەت بويىچە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.

   تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى پېترې ئارنېر: سەمرىپ كەتكەنلەر ئورۇقلاشقا كىرىشكەندە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ ھۈجەيرىلىرى سەرپ بولىدۇ، لېكىن يېڭى ھۈجەيرىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىز يېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تىز ئەسلىگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، دېدى. تەتقىقاتچىلار: بۇ بايقاش سەمرىپ كېتىشنى داۋالاش جەھەتتىكى يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشقا پايدىلىق بولىدۇ، دېدى. 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ