|
ئايگۈل مەخمۇت
كۈندىلىك خاتىرە يېزىش: كۆپلىگەن تەكشۈرۈشلەردىن تەتقىقاتچى خادىملار قىيىن ياكى قايغۇلۇق ئىشلاردىن خاتىرە يېزىپ مېڭىش مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە تەن ساغلاملىقنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىر تەكشۈرۈشتە، ئۇدا 12 ھەپتە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن، كۈندە 20 مىنۇت سەرپ قىلىپ ئىچكى ھېسسىياتىنى خاتىرىلەيدىغان ستۇدېنتلارنىڭ كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا ناھايىتى ئاز كېسەل بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە: ‹‹كۈندىلىك خاتىرە يېزىش كىشىلەرنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن››.
سىزگە بېرىدىغان مەسلىھەت: ھەر كۈنى 20 مىنۇت سەرپ قىلىپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى خاتىرىلىۋېلىڭ ھەم تەسىراتىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇڭ. بىر مەزگىللىك سىناش ئارقىلىق كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال كۈندىلىك خاتىرە يېزىش يازماسلىق ياكى پەقەت جىددىيلەشكەن چاغدىلا خاتىرە يېزىش توغرىسىدا قارار قىلىڭ.
خۇشال يۈرۈڭ: دوستلار بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يېيىش، بالىڭىز بىلەن باغچىلارغا بېرىپ ئويناش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، شاد – خۇرام قىلىنغان ئىشلارنىڭ كۆڭۈلسىز ئىشلارغا قارىغاندا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە: ‹‹خۇشال يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قوزغاش ئارقىلىق، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپلىك تەسىرلىرىنى يوقىتىدىكەن››.
سىزگە بېرىدىغان مەسلىھەت: ئاياللار دائىم چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار تاماق ئېتىش، مېھمان كۈتۈش، بازارغا چىقىپ مال سېتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدۇ ۋە دائىم ئۆزلىرىگە كېرەك بولىدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ، دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىشى، كىتاب كۆرۈشى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. بۇ، سالامەتلىك ئۈچۈن دورا يېگەنلىك بىلەن باراۋەر.
تۇرمۇش بېسىمى سىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويمىسۇن: مۇتەخەسسىسلەر جىددىيلىشىشنىڭ ئادەمدە ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار تۇرمۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسىم توغرىسىدا 276 نەپەر ساغلام پىدائىينى كۆزەتكەن. ئادەم ئۇزاققىچە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىسا، مەسىلەن: ئىشسىز قالسا، دوستلار ئارا ياكى ئائىلىدە زىددىيەت يۈز بەرسە، ئاسانلا ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن، روھىي جەھەتتە قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ جىددىيلەشكەن ئادەملەرمۇ ئاسان كېسەل بولىدىكەن. چۈنكى بەدەن ساغلاملىقىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى T ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئۇ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. سىز جىددىيلىشىپ كەتكەندە، T ھۈجەيرىنىڭ كېسەلگە قارشى كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن.
سىزگە بېرىدىغان مەسلىھەت: سىز دائىم ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان شارائىتنى كۆزىتىپ تۇرۇڭ. ئەگەر بىنورمال شارائىتىڭىزنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىتقا بولغان فىزىئولوگىيىلىك ياكى روھىي ئىنكاسىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى سىناپ كۆرۈڭ. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ياكى بەزىبىر يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاشمۇ مۇھىت بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.
|