|
ماھىرە سېلىم
ئادەم ياشانغاندا ئۇنىڭ بويۇن، قولىنىڭ دۈمبىسى، ئىككى مەڭزى قاتارلىق يەرلىرىدە چوڭ – كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش بولمىغان قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ياخشى سۈپەتلىك بىر خىل ئۈزە تېرە ئۆسمىسى بولۇپ، دەسلەپتە كىچىك ۋە ياپىلاق، چېگرىسى ئېنىق، سىرتقى كۆرۈنۈشى پارقىراق ياكى سەل كۆتۈرۈلۈپ چىققان سۇس سېرىق قوڭۇر رەڭ ياكى قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. كېيىن بارا – بارا چوڭىيىدۇ ھەم بىر قەۋەت مايلىق قېلىن قاقاچ بولۇپ شەكىللىنىپ، رەڭگى كۆرۈنەرلىك قېنىقلىشىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، داغنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، دائىرىسىمۇ كېڭىيىدۇ. بۇ قېرىشنىڭ سىرتقى ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار تەدرىجىي قېرىشقا باشلايدۇ. لېكىن، تېرىنىڭ قېرىشىنى كۆپ ھاللاردا ئەڭ ئاسان سېزىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تېرىدىكى قورۇقلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ. تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلايدۇ، تېرە نېپىزلەيدۇ، تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشى كېمىيىپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ يىرىك ھەم ئاسان يېرىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
قېرىلىق دېغى ئادەتتە 50 ياشتىن ھالقىغانلاردا پەيدا بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە 40~30 ياشتىمۇ پەيدا بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە 60 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىن ئاندىن پەيدا بولىدۇ. قېرىلىق دېغى نىمە ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ؟ ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن، ئورگانىزم كىشىلىك ھايات ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆتۈپ، بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر خىل چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، قان ئايلىنىش ئىقىدارى ناچارلىشىدۇ، ماددا ئالمىشىش جەريانى ئاستىلايدۇ، ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى چېكىنىدۇ، قېرىش يىلدىن – يىلغا تېزلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يېغىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ نورمالسىزلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر قوشۇلۇپ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئوكسىدلانغاندىن كېيىن، ئوكسىدلانغان ياغ ماددىسىغا ئايلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئاقسىل ماددىلىرى قوشۇلۇپ، سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ياكى قارا رەڭلىك ‹‹ياغ قوڭۇر ماددىسى››نى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلار ھۈجەيرە ئىچىگە تىنىپ ‹‹قېرىلىق دېغى››غا ئايلىنىدۇ. داغ بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىدىن باشقا يەنە يۈرەك، قان تومۇرلار، جىگەر، ئىچكى ئاجراتما بەزلىرى، جىنسىي ئەزا قاتارلىق جايلاردىمۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ ئورگانىزم ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى ۋە قېرىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ياشانغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىدا قېرىلىق دېغى بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرىدە بۇنداق داغلار پەيدا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر بىر ئادەم ئوگانىزمىنىڭ قېرىشىنىڭ ئاستا ياكى تېز، بالدۇر ياكى كېيىن بولۇشىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بولىدۇ. بۇنداق بولۇش نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، بۇ ئامىللارنى ياخشىلاشقا دىققەت قىلسىلا قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرگىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇش، گۆش بىلەن كۆكتات مۇۋاپىق تەڭشەلگەن بولۇش، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇش، بولۇپمۇ ھايۋانات يېغى بىلەن ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ياشانغانلارغا بىرتەرەپلىمە ھالدا گۆشسىز تاماق يېيىشنى تەكىتلىمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۆسۈملۈك تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يىگەندە بەدەندىكى ياغ قوڭۇررەڭ ماددىسى ئاسانلا كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياز كۈنلىرى ئاپتاپتا ئۇزاق قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى كۈن نۇرى تەركىبىدىكى بىنەپشە نۇر تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. ياشانغانلار يەنە مۇۋاپىق ھالدا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى، ئادەتتە ھۆل مېۋىلەرنى يەپ بېرىشى ھەم چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئىمكانقەدەر تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ۋە قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك. ۋىتامىنE، C لارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياغ قوڭۇررەڭ ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتقىلى، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىش جەريانىنى ئاستىلاتقىلى، توقۇلمىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى، تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ پىگمېنت يوقىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە، دائىم يۈز، قوللارنىڭ تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بۇ قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق.
|