|
يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ھەپتىدە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىپ بەرسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %35– %40 كىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .
يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ . پىيادە مېڭىپ بەرسە ، گورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىپ ، تائۇروخولاتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار .
دىۋەڭلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . 60 ياشتىن ئاشقانلار ھەپتىدە ئۈچ كۈن ، ھەر قېتىمدا 45 مىنۇتتىن ئارتۇق پىيادە يول مېڭىپ بەرسە ، قاننى جانلاندۇرغىلى ، مېڭە ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ .
ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئۈزۈلدۈرمەي 20 مىنۇتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىپ بەرسە ، بەدەندىكى ماينىڭ پارچىلىنىشى ۋە خورىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .
دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . پىيادە ماڭسا ، زور مىقداردىكى گلۇكوزىنى خورىتىپ ، قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
بوغۇم ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ . پىيادە مېڭىپ بەرسە ، بوغۇم ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ ، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ ، سۇدا ياكى ئېغىرراق نەرسىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ بەرسە ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
دەرت – ئەلەمنى يېنىكلىتىدۇ . چوڭ يولدا تېز مېڭىپ بەرسە ، كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ .
ئەھەد مۇسا تەرجىمىسى
|