|
ئەسقەت ھۇشۇر
يېقىندا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن مەھەللەمدىن باشقا بىر مەھەللىگە كۆچۈپ بارماقچى بولۇپ، ئۆي بېساتلىرىمنى ماشىنىغا بېسىۋاتقىنىمدا، مۇشۇ مەھەللىدە مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان بىرەيلەن كېلىپ مەن بىلەن بىردەم ئەھۋاللاشتى. مەن ئۇنىڭغا تۇغۇلۇپ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ مېھرى ئىللىق مەھەللەمگە، شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىنتايىن ئىجىل – ئىناق ئۆتۈپ، بىرەر قېتىممۇ ‹‹سەن – پەن›› دېيىشىپ باقمىغان قولۇم – قوشنىلىرىمغا زادىلا قىيمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋېتىپ، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىۋالغاندەك بولۇپ قالدى ۋە كۆزۈمگە ياش كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپ كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بولدى:
بۇرۇن بىر يىگىت باشقا بىر يەرگە كۆچۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي كېلىپ، ئىككىيلەن سالام – سەھەتتىن كېيىن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قاپتۇ. يىگىت بوۋايغا ئۆزىنىڭ كۆچۈپ بارماقچى بولغان مەھەللىدىكى قولۇم – قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتەلىشى ياكى ئىناق ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭدىن بۇ يەردىكى قولۇم – قوشنىلىرىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. يىگىت بۇ يەردىكى قوشنىلىرىنىڭ بىر تالاي يامان تەرەپلىرىنى ئاغزى بېسىقماي سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا كۆچۈپ بارماقچى بولغان يەردىكى قوشنىلارنىڭمۇ دەل شۇنداقلىقىنى دەپتۇ. يەنە بىر يىگىتمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەپتۇ. بىراق بۇ يىگىت بۇ يەردىكى قوشنىلىرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ، مۇشۇ قوشنىلىرىغا زادىلا قىيمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا كۆچۈپ بارماقچى بولغان يەردىكى قوشنىلارنىڭ ھازىرقى قوشنىلىرىدىنمۇ ياخشىلىقىنى دەپ بېرىپتۇ.
بۇ ھېكايىدىن، ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندىكى قولۇم – قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىنىڭ دەل ئۆزىمىزنىڭ پسىخىك خاراكتېرىمىزگە، مۇئامىلە – پوزىتسىيىمىزگە، قىسقىسى ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئادەملىكىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. بىر كىشىنىڭ قانداق ئادەملەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشى، قانداق ئادەملەر بىلەن ئىناق ئۆتەلمەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەممىلا سەۋەنلىكنى قارشى تەرەپتىن ئىزدىمەي، ئۆزىمىزنىمۇ تەكشۈرۈپ – تەھلىل قىلىپ باققىنىمىز ياخشى.
|