|

توخۇ تۇخۇمى: تەبىئىتى ئېقى ھۆل سوغۇق، سېرىقى ئىسسىق بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، كالىتسىي، فوسلور، تۆمۈر، ۋىتامىن ئا،ۋىتامىن ب، ۋىتامىن د قاتارلىق ئوزۇقلۇق مادددىلار بار. ئۇنىڭ مېڭە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىش قاتارلىق روللىرى بار.
ئۆردەك تۇخۇمى: تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، تەركىبىدە ماي، ناترىي، كاربون سۇ بىرىكمىسى، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي، خلور، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئۇنىڭ ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل پەسەيتىش قاتارلىق روللىرى بار.
كەپتەر تۇخۇمى: تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىسى، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئۇنىڭ يۈرەك، مېڭە ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش، ساپ قان پەيدا قىلىش قاتارلىق رولى بار.
غاز تۇخۇمى: تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ئانئورگانىك تۇز، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئۇنىڭ بەدىننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش رولى بار.
بۆدۈنە تۇخۇمى: تەبىئىتى مۆدىتىل بولۇپ، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D، ئانئورگانىك تۇز، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئۇنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەش ئەزا خىزمىتىنى ياخىلاش، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزغا مەنپەئەت قىلىش قاتارلىق رولى بار.
قۇشقاچ تۇخۇمى: تەبىئىتى مۆدىتىل بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئۇنىڭ ساپ قان پەيدا قىلىش، مېڭە ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.
كەكلىك تۇخۇمى: تەبىئىتى مۆدىتىل بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D، ۋىتامىن C، ئانئورگانىك تۇز، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار.
قىرغاۋۇل تۇخۇمى: تەبىئىتى مۆدىتىل بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، ئانئورگانىك تۇز، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئومۇمىي بەدەننى، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش رولى بار.
|