باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەشتە
2008- 07- 16 17:49 تەڭرىتاغ تورى

    ياسىنجان توخنىياز توغراق

    بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىق مۇۋاپىق تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا ، ئۇ بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ، بالىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى نابۇت قىلىش يولىغا سۆرەپ ماڭىدۇ . ئۇنىڭ كونكرېت ئالامەتلىرى : قايغۇرۇش ، تەشۋىشلىنىش ، بىئارام بولۇش ، زىيادە سەزگۈرلۈك ، ئۇيقۇسىزلىق ، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

     بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، مۇھىم مەنبەسى يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىدىكى نۇقسانلار ، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرى ، بەرداشلىق بەرگۈسىز بېسىم ، تۈگىتىشكە ئامالسىز قالغان زىددىيەت ، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدىغان چەكلىمىلىكلەردىن ئىبارەت . بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدا بەزىبىر تۇراقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ ، ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ . 

    بالىلارنىڭ پسخىكىسىدىكى بۇنداق تۇراقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر . 

      مۇھىتنى يېڭىلاش ئۇسۇلى

     ئادەم ناچار كەيپىيات ، ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا سىرتقى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ بەرسە ، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ . ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەننى ىىەزسە ، شارائىتى يار بەرگەن دەرىجىدە ئۇلارنى گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرسا ، كۆك ئاسمان ،ئاپئاق بۇلۇت ، زۇمرەتتەك سۇ ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان تەبىئىي مۇھىت بالىلارنى خۇ شخۇي ، ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ ، بارلىق غەم – ئەمدىشىلىرىڭ يامغۇردىن كېيىنكى بۇلۇتتەك تارقاپ كېتىدۇ .

      ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى 

     ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئۇلارنىڭ باتۇر ، قەيسەر ئىكەنلىكىنى دائىم ھېس قىلدۇرۇپ ، يولۇققان مەسىلىنى دادىل بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا قاراش ، توغرا يۈزلىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىللە ، بالىغا ئۆزىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى ، ئالدىدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق پسىخىكىسىنى تەڭشەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك .

       كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى

بالىلارغا كىتاب ۋە گېزىت – ژۇرناللارنى كۆپ كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرغىلى ، مىجەز–خاراكتېرىنى تەڭشىگىلى ، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىقىنى ، بۇ ئارقىلىق يەنە پسىخىكىلىق ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . چۈنكى بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۈزەل سۆز – جۈملىلەرنى ئوقۇپ دىققەتنى بۇراش ئارقىلىقمۇ پسىخىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ .

      فىزىئولوگىيىلىك ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى

     بالىلار بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا ، ئاتا – ئانىلار ئۇلارغا ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش ، ئۇسسۇل ئويناش ، توپ ئويناش ، سۇ ئۈزۈش ، مۇزىكا ئاڭلاش ، كىنو كۆرۈش ، رەسىم سىزىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن تەڭشەپ ، كەشپىياتىنى ياخشىلىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .

      ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۇسۇلى

   ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى ، بالىلار ئالدىدا قارىغۇلارچە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنماسلىقى لازىم . ئەكسىچە بولغاندا ، ئۆز ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ ، بالىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ .

      قىياپەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى

     سىرتقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . شۇڭا ئاتا ئانا بولغۇچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتتا پەرزەنتىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى يېڭىلاپ ، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنى روھلۇق ،چىرايلىق سېزىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك .

     تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇش

    ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر ئادالەتسىزلىكلەرگە ، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ياكى كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرگە يولۇققاندا ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىدىكى پسىخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئوڭشىۋالالايدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە ، ئۇلارنى قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە ئوخشاش ھېس – تۇيغۇنى ئىزدەپ بېقىشقا ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشىقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە خىيال ، تەپەككۇرىنى ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا يۆتكەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك .

      ۋاقىتنى ئۇنتۇش ئۇسۇلى

     ۋاقىت بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى . بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئۆزىگە كۆڭۈلسىز بىلىنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسە ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈ شىگە ئەگىشىپ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرىلەش بولىدۇ .

    ئۆز – ئۆزىنى ئازاد قىلىش ئۇسۇلى

    بالىلار ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە قويۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى ، كىشىلەر ئالدىدا سۆزلىگۈسى كەلسەسۆزلىشى ، كۈلگۈسى كەلسە كۈلۈشى ، يىغلىغۇسى كەلسە يىغلىۋېلىشى كېرەك . ئاتا - ئانىلارمۇ بۇنداق ۋاقىتتا پەرزەنتىنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرا چۈشىنىپ ، ئۇلارغا ئاكتىپ ماسلىشىپ ، بالىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك .

     ئوقۇشنى قىزغىن سۆيۈش

    پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا بېرىلىش بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم . بۇنداق ئەھۋاللار بىر قىسىم ئاز ساندىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلسىمۇ ، ئاتا –ئانىلار يەنىلا مەكتەپ بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ پەرزەنتىنىڭ پسىخىكىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم .

‹‹شجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلىدىن ئېلىندى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ