باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر
2008- 07- 16 16:27 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      قورۇق خانىم – قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى . بەزىلەرنىڭ يۈزىگە 30 ياشتىلا قۇرۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ ، لېكىن بەزىلەرنىڭ يۈزىگە بولسا خېلى ياشقا كىرگىچىمۇ قورۇق چۈشمەي نۇرلۇق تۇرىدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ ؟

   گۈرۈچ تامىقى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش : گۈرۈچنى يۇمشاقراق پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ ئىسسىق ۋاقتىدا (يۈز كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە) يۈزگە قويۇپ تاكى گۈرۈچ كۇمۇلىچى قارا بولغۇچە دومىلىتىپ ، ئاندىن يۈرنى يۇيۇۋەتكەندە ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ماي ۋە پاسكىنا نەرسىلەر تولۇق چىقىپ كېتىدۇ – دە ، تېرىنىڭ نەپەس ئېلىشى راۋانلىشىدۇ ۋە قورۇق سۇسلايدۇ .

    توخۇ گۆشى ئۇستىخىنىنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : توخۇنىڭ گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇستىخىنىنى توخۇ تېرىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ .

     مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : باناننى سىقىپ ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق زەيتۇن مېيىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ؛ تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسىمۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ؛ ئاغىچە يۇغۇچنىڭمۇ(丝瓜)قورۇق يوقىتىش رولى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ شىرنىسىنى تېرىگە سۈرتىدىغان تۆۋەن پىرسەنتلىك ئىسپىرت ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە تەرخەمەك ،پەمىدۇر ، بۆلجۇرگەنلەرنىڭمۇ قورۇق يوقىتىش رولى بار .

     چاينىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : چاينىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول كوئىن (茶多酚) ، كاربون سۇبىرىكمىسى ، ئاقسىل ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ،ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار تېرىنى نۇرلۇق ، يۇمران قىلىپ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈپ ، قورۇقنى ئازايتىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

   سېغىزنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : ھەر كۈنى 20–15 مىنۇت سېغىز چايناپ ، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى قورۇقلار سۇسلاپ يۈزگە قان يۈگۈرىدۇ . تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، يۈز تېرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .

     ئۇندىن باشقا ، بىز كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تېرىگە نىسبەتەن زىننەتلەش رولى بولىدۇ . مەسىلەن ، تېرە ناھايىتى مول ئاقسىلغا موھتاج بولۇپ ، كالا گۆشى ، سۈت ، تۇخۇم ، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) قاتارلىقلار .

شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى

ئەخمەت نورۇز (ت)

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ