باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
چاچنىڭ تەبئىي گۈزەللىكىنى ساقلاشتا ...
2008- 07- 16 15:25 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    چاچنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، سۇلياۋ تاغاق ۋە چاچ  چوتكىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئۇلاردىن ئاسانلا ئېلېكترونلۇق تەسىر پەيدا بولۇپ، چاچ ۋە باش تېرىسىنى غىدىقلايدۇ– دە، چاچ چۈشۈشكە  سەۋەپ بولىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، چاچنى پات– پات يۇيۇپ تۇرۇش  كېرەك. لېكىن چاچ يۇيغاندا، بەك ئۇۋۇلىۋەتمەسلىك، چاچنى بەك يۇيۇۋەتمەسلىك ، چاچ  ئاسراش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش، چاچنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدىغان سوپۇن ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئامال بار  تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. تاماكا بەدەن ئىسسىقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.

     تۆتىنچىدىن، روھىي بېسىمنى  تۈگىتىش كېرەك. كەيپىياتنىڭ جىددىلىكى بەدەن ئەزالىرىغا  تەسىر كۆرسىتىپ چاچ  چۈشۈشكە  سەۋەپ بولىدۇ.

    بەشىنچىدىن، ئامال بار چاچ قۇرۇتۇش ماشىنىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چاچ  قۇرۇتۇش ماشىنىسىدىن چىققان ئىسسىق شامال تېرە  ۋە  چاچ توقۇلمىلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ چاچ  چۈشۈشكە سەۋەپ بولىدۇ.

    ئالتىنچىدىن، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىش كەم بولسا، ئادەم ئاسانلا قەۋزىيەت  بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندە قان ئايلىنىش ياخشى بولماي چاچ  سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ