|
بىر قىسىم كىشىلەر خىزمەت قىلغاندا ئۈستەلگە ئېڭىشىپ ئولتۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر كۈن بويى كومپىيوتېردىن باش كۆتۈرمەيدۇ، نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئادەمدە ساقلانغىلى بولمايدىغان كۆز تېلىش، بويۇن ۋە مۈرە قېتىپ قېلىش، بەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەن تەكشۈرۈش ۋە بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بەدەن ئىلاستىكىلىقى ناچارلىشىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، جىگىرىنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللەرگە گېرىپتار بولىدىكەن. شۇڭا ئادەتتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سېستىمىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، خىزمەت ۋاقتىدىمۇ داۋاملىق بەدەن ئاسراش ھەركىتى ئىشلەش كېرەك.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي بەدەن ئاسراش ھەركىتى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
بىرىنچى، ئىگىز بىنالاردا ئىشلەيدىغانلار چوقۇم پىيادە چىقىپ–چۈشۈش شارائىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئىشخانىدا بىر كۇۋادىرات مېتىر يەردىن پايدىلىنىپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، بىر قېتىمدا ئۈچ مىنۇت بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە قول ھەركىتى ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭ ئاساسى مەشىقى مۇنداق:
1.باشنى ھەركەتلەندۈرش. تورۇسقا، يەرگە قاراش، ئاستا- ئاستا ئىككى تەرەپكە تولغىنىپ، يىراققا نەزەر سېلىش.
2. قولنى ھەركەتلەندۈرۈش. قول بىلەن دولىنى ئۇرۇش، كۆكرەكنى كېرىش، ئىككى مۈرىنى ئارقىغا يېيىش.
3.پۈتۈن بەدەننى ھەركەتلەندۈرۈش. ئورنىدا تۇرۇپ پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈش، ئىككى جەينەكنى نۆۋەنلەشتۈرۈپ كۆتۈرۈش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ۋە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىدارە ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇش كېرەك.
|