باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
دېڭىز سۈيى نېمىشقا تۇزلۇق؟
2008- 07- 15 11:18 شىنجاڭ گېزىتى

   دېڭىز سۈيى ئەسلى دەريا سۈيىدەك تاتلىق ئىدى، لېكىن ھەر يىلى 125 مىليون توننىدىن كۆپ دېڭىز سۈيى پارغا ئايلىنىپ، قۇرۇقلۇققا يامغۇر بولۇپ چۈشىدۇ، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئېقىنلار تاغ جىنىسلىرى ۋە تۇپراقنى يالاپ، تاغ جىنىسلىرى ۋە تۇپراق تەركىبىدىكى ئېرىشچان ماددا(كۆپ قىسمى تۇزسىمان ماددا)لارنى دەريالارغا قېتىپ تۇرىدۇ. دەريالار ئېقىپ بېرىپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ، شۇنداق قىلىپ پارغا ئايلىنىپ كەتكەن دېڭىز سۈيى يەنە دېڭىزغا قايتىدۇ. دېڭىز سۈيى تەركىبىدىكى تۇزسىمان ماددىلار ئەنە شۇنداق كۆپىيىپ بارىدۇ، لېكىن دېڭىز سۈيى پارغا ئايلانغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تۇزسىمان ماددىلار پار بىلەن بىللە كۆككە كۆتۈرۈلمەي، دېڭىزدا قېپقالىدۇ. مۇشۇنداق دەۋر قىلىپ ئايلار، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دېڭىزدا تۇزسىمان ماددىلار كۆپىيىۋېرىپ، دېڭىز سۈيى تەبىئىيلا تۇزلۇق بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن بۇ جەريان ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، مىليون يىلغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاققا سوزۇلغان بولىدۇ، كەلگۈسىدە دېڭىز سۈيىگە يىغىلغان تۇز تېخىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ.

ئەنۋەر تۇرسۇن تەرجىمىسى  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ