|
بىرىنچى، مۇقىم كىرىملىك كىشىلەر قەرەللىك، مۇقىم سېلىنمىلىق فوندقا مەبلەغ سېلىشقا باب كېلىدۇ. ئۇلار كۈندىلىك خىراجەتتىن ئاشقان پۇلىنى قەرەللىك، مۇقىم سېلىنمىلىق فوندقا مەبلەغ قىلىپ سالسا ياخشى بولىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا تۇرمۇش بېسىمى يەڭگىل، ئېشىنچا پۇلى كۆپ بولمىغان، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قەرەللىك، مۇقىم سېلىنمىلىق فوندقا مەبلەغ سالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئېشىنچا پۇلىنى ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغانلار، مەسىلەن، تەخمىنەن ئۈچ يىلچە ۋاقىتتىن كېيىن ئۆي سېتىۋالىدىغانلار، 20 يىلچە ۋاقىتتىن كېيىن پەرزەنتلىرىنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىدىغانلار، 30 يىلچە ۋاقىتتىن كېيىن پېنسىيىگە چىقىدىغانلار بۇ تۈرگە مەبلەغ سالسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ياشلىق ئەر – خوتۇنلار 35 – 40 يېشىدىن باشلاپ ھەر ئايدا پاي چەكسىمان فوندقا مۇقىم مەبلەغ سالغاچ تۇرسا، 50ياشقا بارغاندا، مەبلىغىنى خەتىرى تېخىمۇ ئاز بولغان بىرىكمە فوندقا يۆتكىسە، 55 ياشقا بارغاندا خېلى پۇل يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قوشسا، ياشانغاندا ئاخىرقى ئۆمرىنى باياشات ئۆتكۈزەلەيدۇ.
ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىش ۋە روزغار باشقۇرۇشقا ۋاقتى يوق ئالدىراش كىشىلەرگە باب كېلىدۇ. قەرەللىك، مۇقىم سېلىنمىلىق فوندقا مەبلەغ سېلىشتا دەسلەپتىلا رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرسە، كېيىنكى ئىشلىرى ئۆزلۈكىدىن يۈرىشىۋېرىدۇ، بۇ، ۋاقىت تېجەيدىغان، ئاۋارىگەرچىلىكى يوق ئۇسۇلدۇر.
تۆتىنچى، بۇ تەجرىبىسى كەمچىل كىشىلەرگە باب كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مەبلەغ سالغاندا بازار ئەھۋالىنى تەتقىق قىلمىسىمۇ، قانداق مەبلەغ سېلىش ھەققىدە باش قاتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
بەشىنچى، تەۋەككۈلچىلىكنى خالىمايدىغانلارغا باب كېلىدۇ. قەرەللىك، مۇقىم سېلىنمىلىق فوندقا مەبلەغ سېلىش دىرى ساقلىنىدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا باھانىڭ داۋالغۇشىدىن كېلىدىغان خەتەر ئاز، پايدىغا ئېرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.
ئومۇمەن، قەرەللىك، مۇقىم سېلىنمىلىق فوندقا مەبلەغ سېلىش مەبلەغ سالغۇچىلارنى يېڭىچە روزغار باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئىگە قىلىدۇ، خەتىرى ئاز بولىدۇ.
‹‹شىنجاڭ شەھەر گېزىتى››دىن
|