|
مېۋە – چىۋە ، كۆكتات ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە يېمەكلىكلەردۇر . تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا ، كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، قاندىكى سۈت كىسلاتاسى ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن ، ئەگەر بۇ ماددىلار تەر سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تېرە يۈزىگە كۆپلەپ چىقسا ، تېرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن . شۇڭا ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ، قان ئاجىز ئىشقارلىق ھالەتكە كېلىپ ، سۈت كىسلاتاسى ، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىكەن . بۇنىڭ بىلەن يۈز تېرىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچى ئېشىپ ، ئەۋرىشىملىكى كۈچىيىپ ، يۈز تېرىلىرىگە قۇرۇق چۈشۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .
بېكمۇرات قىدىرخان تەييارلىغان
|