|
* ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئەينەك قاچىلار ياكى فارفور قاچىلار كىرلىشىپ كەتكەندە،چەينەكلەرنى چاي دىغى تۇتۇپ كەتكەندە ئاممىياك سۈيى بىلەن يۇيسا دەرھال چىقىپ كېتىدۇ ۋە يېڭى ۋاقىتتىكىدەك پارقىراق بولىدۇ.
* ئاق كىيىملەرگە سىياھ، ، ئاچچىقسۇ ، جياڭيۇ، سۈت چاچراپ داغ بولۇپ قالسا ، ئامىياك سۈيى بىلەن يۇيسا داغ چىقىپ كېتىدۇ.
* 10–20 پېرسەنتلىك ئاممىياك سۈيىگە كىيىمنى چىلاپ قويۇپ ، ئاندىن يۇيىۋەتسە سىر يۇقىندىلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
* بىر ھەسسە ئاممىياك سۈيىگە تۆت ھەسسە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ كىيىملەردىكى تەر داغلىرىنى يۇيسا داغ چىقىپ كېتىدۇ.
* كىيىمدىكى قان داغلىرىنى سۇ بىلەن بىر قېتىم يۇيىۋېتىپ ئاندىن ئاممىياك سۈيى بىلەن يۇيسا قان داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
* ھەرە، پاشا ، چايان چىقىۋالغان يەر چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتكەندە زەخمىللەنگەن يەرگە ئازراق ئاممىياك سۈيى سۈرۈپ قويسا ئاغرىق دەرھال توختايدۇ.
* يېرىم ئىستاكان ئىسسىق سۇغا بىر نەچچە تامچە ئاممىياك سۈيى قۇيۇپ،تاماكا دېغى بار بارماقلارنى بىر ئاز چىلاپ تۇرسا داغ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.
* كيىملەرنى ئۇزۇن مۇددەت كىيگەندە پارقىراپ قالىدۇ. بۇ پارقىراقلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن، پارقىراق جاينى تۇز ياكى ئاممىياك سۈيى بىلەن يۇيۇپ ئاندىن ئىلمان سۇدا يۇيۇپ دەزماللىسا بولىدۇ.
|