|
كۆپلىگەن كىشىلەر ياز پەسلىدە ئۆيلىرىدە گۈل باقىدۇ. چۈنكى ئۆيدە گۈل باققاندا ئۆي ئىچى مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆينى گۈزەللەشتۈرۈپ ئائىلە ئىللىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئائىلىلەردە گۈل باققاندا ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى گۈلنىڭ قۇرۇپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . ئۇنداقتا ئائىلىلەردە گۈل باققاندا گۈلنىڭ قۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. مۇۋاپىق سۇغۇرۇش. گۈللەرنى سۇغۇرۇشتا توپىسى قۇرىمىسا سۇغۇرماسلىق، سۇغۇرغاندا قانغىدەك سۇغىرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم. گۈللەرنى بەك كۆپ سۇغۇرىۋەتسە، يىنىك بولغاندا يېڭى يۇپۇرماق سۇس سېرىققا ئۆزگۈرىدۇ، كونا يوپۇرماقتا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ ياكى رەڭگى تۇتۇقلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا يىلتىز نەپەسلىنەلمەي سېسىيدۇ ۋە ياكى زەمبۇرۇغ ھاسىل بولۇپ قۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلسە، دەرھال سۇغىرىش مىقتارى ۋە قېتىم سانىنى ئازايتىش، تەشتەك توپىسىنى بىر قېتىم يۇمشىتىش، ئېغىر بولغاندا توپىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولسا، ئالدى بىلەن كونا يۇپۇرمىقى سارغىيىدۇ ھەمدە تەدرىجىي يېڭى يۇپۇرمىقىمۇ سارغىيىشقا باشلايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل قۇرغاق ھالەتتە تۇرغان گۈللەرنى كۆپرەك سۇغىرىش لازىم. بەزىدە پۈتۈن تەشتەكنى لىق سۇ قاچىلانغان داسقا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ، توپىسىنى تولۇق نەمدىسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇپۇرمىقىغا سۇ پۈركۈش كېرەك.
2. مۇۋاپىق ئوغۇتلاش. تەشتەك گۈللىرىنى ئوغۇتلاش پىرىنسىپى: ئاز ـ ئازدىن كۆپ قېتىم ئوغۇتلاشتىن ئىبارەت. گۈللەرنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغاندا %0.5 لىك ئورېيە ئېرىتمىسى ياكى %0.25 لىك كالىي دى ھىدرو فوسفات ئېرىتمىسى تەييارلاپ، يۇپۇرمىقىغا پۇركۈش لازىم. ئەگەر ئوغۇتلاش مىقتارى ئېشىپ كەتسە ياكى قۇيۇقلۇقى يۇقىرى بولسا، ئوغۇت زىيىنى كېلىپ چىقىدۇ. ئوغۇت زىيىنى يىنىك بولسا، كونا يۇپۇرماق تەدرىجىي قۇرۇپ تۆكۈلىدۇ، يېڭى يۇپۇرماق قېلىنلاپ پاقىراقلىشىدۇ.
3. مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىرتقا ئېلىپ چىقىش. گۈللەرنىڭ ھەرقاندىقىنى بالدۇر سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ. چوقۇم ھاۋا تېمپىراتۇرسى مۇقىملاشقاندا ئاندىن ئېلىپ چىقىش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭىدىن تەشتەككە ئېلىنغان گۈللەرنى بەك بالدۇر سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپقا قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ئۆي ئىچى، پارنىك ياكى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايغا بىر مەزگىل قويۇپ 4 –ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ئۆسۈشى مۇقىملاشقاندا، ئاندىن ئاپتاپقا ئېلىپ چىقسا بولىدۇ .
4.تەشتەك توپىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش. تەشتەك توپىسىنى تاييارلاشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇت ئەھۋالىنى ئويلىشىش، شۇنداقلا كىسلاتا–ئىشقارلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش، تەشتەك توپىسىنىڭ ئۆستۈرمەكچى بولغان گۈلنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىش–كەلمەسلىكىگە قاراش، كىسلاتا – ئىشقارلىقى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا، دەرھال يېڭىدىن توپا تەييارلاش لازىم.
|