باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك
2008- 07- 14 11:53 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

   چارچاپ ھالىدىن كەتكەندە، خاسىڭ مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق مېغىزىنى چايناپ بەرسە، بەدەن قۇۋۇتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ. ئىشخانىدا كۆز تولا ئىشلىتىلگەنلىكتىن چارچاپ كەتكەندە، جۈسەي بىلەن قۇرۇلغان قوي جىگىرى ئىستېمال قىلىنسا، كۆزنىڭ چارچىشىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. كۈن بويى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ۋېتامىن D كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار دېڭىز بىلىقى، توخۇ جىگىرى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. كۈچلۈك روھى بېسىمغا ئۇچرىغاندا، بەدەن ئادەتتىكىدىن قارىغاندا سەككىز ھەسسىدىن ئارتۇق ۋېتامىن C نى خورىتىدۇ شۇڭا تەركىبىدە ۋېتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن كاللەكبەسەي، پالەك،  مېۋە – چىۋە قاتارلىقلار. ھاراق ئىچكەندە بىلىق گۆشى، تۇخۇم، دۇفۇ، پىشلاق قاتارلىق ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، مەست بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

     ناۋات بىلەن ئاق مور ناشتىدىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇنى يۇمشاق چايناپ يۇتۇش، ھاپىلا –شاپىلا يۇتىۋەتمەسلىك لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا يۈرەكتىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، قۇۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بولىدۇ. ئۇنى ئاچ قۇرساققا ياكى كەچقۇرۇن يېسە، ياخشى ھەزىم بولمايلا قالماستىن، يەنە يىمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىمۇ بولمايدۇ.

     تەرخەمەك تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىن C ھەمدە كالىي، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق ماددىلار بار بولۇپ، قىزىتما ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار، ئۇ نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. دورىگەرلىك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يېڭى تەرخەمەك تەركىبىدە بىر خىل كىسلاتا بار بولۇپ، شېكەر تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ياغقا ئايلىنىشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. شۇڭا تەرخەمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ