باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
مىجەز ۋە يۈرەك
2008- 07- 14 11:47 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ھەممىگە مەلۇم، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى خاتىرە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەمما باشقا ئەزالارنىڭ خاتىرە ساقلاش ئىقتىدارى بولمايدۇ. لېكىن بەزى بىمارلار يۈرەك كۆچۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مىجەزى، قىزىقىشى يۈرەكنىڭ ئەسلى ئىگىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ ئادەملەرنىڭ مىجەزى ھەم قىزىقىشى پەقەت مېڭىدىلا ساقلىنىپ قالماستىن، يەنە يۈرەكتىمۇ ساقلىنىپ قالىدىكەن. ئۇنداقتا يۈرەكنىڭ ‹‹ قان پومپىسى››لىق رولىدىن باشقا يەنە قانداق يېڭى رولى بار؟

      يېقىندا، ئامېرىكىلىق ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىدە بەلكىم مەلۇم خىل ‹‹ پىكىر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش››ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. بۇ بەلكىم يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان نۇرغۇن بىمارلارنىڭ مىجەزى يۈرەك ئىئانە قىلغانلارنىڭ  مىجەزىگە ۋارىسلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

      بېيجىڭ تاشقى فۇچىڭمىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئوپىراتسىيە ئەمەلىيىتىدە، بىمار يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، مىجەز ۋە قىزىقىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر يۈرەك ئىئانە قىلغۇچى بىلەن ئوخشاپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ قارىغان.

      1967– يىلى تۇنجى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى 40 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە يۈرەك كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ مىجەز ۋە قىزىقىشىدا ئۆزگىرىش بولغان. ئەگەر يۈرەك ھەقىقەتەن خاتىرە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دېسەك، نىمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى يۈرەك كۆچۈرگەنلەردە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ؟ بۇ ئۆزگىرىش پەقەت تاساددىپىي يۈز بەرگەن ئەھۋالمۇ؟

      گېندىن قارىغاندا، يۈرەكنىڭ ‹. خاتىرە ساقلاش›› ئىقتىدارى تامامەن يوق دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قانداق ئەزا مەسىلەن، تېرە، قان، جىگەر ۋە يۈرەكنىڭ DNA تىزىلىش تەرتىپى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت يېتىلىش جەريانىدا تەڭشەش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان ئەزالارنى پەيدا قىلىدۇ ھەم ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىپادىلىگەن گېن ئۇچۇرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئالىملار ھۈجەيرىنىڭمۇ گېن ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بايقىغان. يۈرەك كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، تەمىنلىگۈچى تەنچە بىلەن قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ئوتتۇرىسىدا يەكلەش ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ھۈجەيرىسى تەمىنلىگۈچى تەنچە ھۈجەيرىسىنى قوبۇل قىلسا ئۇلاردا گېن ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش ھەم ئالماشتۇرۇش شەكىللىنەمدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى نامەلۇم مەسىلىلەر.

     40 ياشلىق پېنسىيگە چىققان كىرا ئاپتوموبىلى شوپۇرى جېم كلاك بۇرۇندىنلا مىسكىن ئادەم. ئۇ 15 يېشىدا مەكتەپتىن ئايرىلغان بولۇپ، يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى، جېم تۇيۇقسىز ئايالىغا شېئىر يازىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ بۇنى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغاندا يۈرەك تەمىنلىگۈچى شائىر بولغاچقا بۇ ئىقتىدار شۇنىڭدىن كەلگەن دەپ قارىغان.

      يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدىن كېيىن، يۈرەك قوبۇل قىلغۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ مىجەز ۋە قىزىقىشى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ يۈرەكتە چوڭ مىڭىگە ئوخشاش خاتىرە ساقلاش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟

      سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئەمەلگە ئاشقاندىن بۇيانقى 40 يىل ئىچىدە، ھەر ئون نەپەر يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغانلارنىڭ بىرىدە مىجەز ئۆزگىرىش ئالامىتى بولغان. ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتى يۈرەك ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتى مۇتەخەسىسلىرى، يۈرەك ‹‹ ناسوس›› تەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇلار يېقىندا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەستە ساقلاش بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنتايىن كىچىك ھەم مۇرەككەپ بولغان نېرۋا سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى بايقىغان. 

     بەزى ئالىملار باشقىلارنىڭ ئەزاسىنى كۆچۈرگەن بىمارلارنىڭ مىجەزىدىكى ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان: يۈرەكتە چوڭ مىڭە ئىرادە قىلغان ئۇچۇرلار ساقلانغان بولىدىكەن. ئالىملار خېلى بۇرۇنلا ئادەم ھۈجەيرىسى گېن ۋاكالەت نومۇرىغا ئوخشاش بولۇپ، پۈتكۈل ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. دارۋىنمۇ مىجەز ئۆزگىرىشى پەقەت چوڭ مىڭىدىلا ساقلىنىپ قالماستىن، يەنە يۈرەكتىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ خىل ‹‹ ئەستە ساقلاش ھۈجەيرىسى›› ۋە مىجەز ۋەكالەت نومۇرى، يۈرەك كۆچۈرۈش جەريانىدا باشقا بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. 

     ئامېرىكا مولېكۇلا  ھەركىتى ۋە نېرۋا بىئولوگىيە ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور كېننېت پۇرس ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، ھۈجەيرىدىكى نېرۋا ئۇچى چوڭ مىڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە بەلگىلىك چاستوتىنىڭ تەۋرىنىشىگە تايىنىپ ئۇچۇرنى پۈتۈن بەدەنگە تارقىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۇرس ‹‹تەۋرىنىش››باشقا نەرسە بولماستىن، بەلكى پۈتۈن بەدەن ئەزالىرىنىڭ ‹‹ تىلى›› دېگەن. دەل موشۇنداق بېقىندىچىلىق مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن، بەدەندىكى ئىممونىتېتلىق سىستېمىسى، ئاشقازان - ئۈچەي سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىچكى ئاجرالما سىستېمىسىدا ئۆز ئارا ‹‹ بېرىش– كېلىش›› شەكىللەنگەن. دېمەك، بىر ئادەمنىڭ مىجەزىدىكى ‹‹ بەلگە››ئادەمنىڭ ھەر قايسى ئەزا قاتلاملىرىدا بولىدۇ. بۇ ھۈجەيرە قاتلاملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن يۈرەك ئۇچۇرنى پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ مۇقەررەر ھالدا بەدەن ئىچىدە باشقۇرغۇچىلىق رول ئوينىغۇچى بولۇپ قالغان.

     دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن يۈرەك كۆچۈرگۈچى مۇتەخەسىسلەر، ھازىرقى تىببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، يۈرەك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يۈرەك كۆچۈرگەندە خاتىرە بىللە كۆچمەيدۇ، ئەمما بۇنىڭغا تولۇق ئىسپات يوق دەپ قارىغان. ھازىرقى تىببىي ئىلىم بويىچە قارىغاندا، ئادەمنىڭ مىجەزىنى پۈتۈنلەي چوڭ مىڭە بەلگىلەيدۇ. لېكىن ئالىملار تەتقىقات جەريانىدا يۈرەكنىڭ ‹‹ قان پومپىسى›› بولۇشتىن باشقا يەنە ئىچكى ئاجراتما ئاجرىتىش ئىقتىدارى ھەم ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ تەڭشەش رولىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، ئىچكى ئاجراتما ئاجرىتىش يۈرەكنىڭ ئاساسلىق رولى ئەمەس. لېكىن يۈرەك يەنە قانداق سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؟ بۇ سۇيۇقلۇقلار پۈتۈن بەدەندە قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ تېخى نامەلۇم.

     گېن يۈرەك قان تومۇرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بار – يوقلىقىنى بەلگىلەمدۇ؟ ئەزالارنى قوبۇل قىلىش بىلەن گېن ئادەم مىجەزىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ گېن قۇرۇلۇش تەتقىقاتى تېخى دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا بولغاچقا، ئادەم بەدىنىگە بولغان تونۇشمىز يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى پەن – تېخنىكىغا بولغان تونۇشىمىزدىن قارىغاندا، يۈرەك كۆچۈرۈلگەندە مىجەز ھەم قىزىقىشنىڭ تەڭ كۆچۈشى ناتايىن. لېكىن، بۇنىڭغا ئېنىق يەكۈن چىقىرىش تېخى بالدۇر دەپ قارىغان
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ