باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئائىلىلەردە توك تېجەش ئۇسۇلى
2008- 07- 11 12:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     تېلېۋىزور كۆرگەندە: تېلېۋىزورنىڭ توك سەرپىياتىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى تېلېۋىزورنىڭ تۈرى، چوڭ– كىچىكلىكى ۋە ئىشلىتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن–قىسقىلىقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە تېلېۋىزور قانچىكى چوڭ بولسا، توك سەرپىياتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۇۋاپىق ئۆلچەمدىكى تېلېۋىزور سېتىۋالغان تۈزۈك.

    يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە ئاۋازنى مۇۋاپىق تەڭشەش. بەزى ئائىلىلەردە تېلېۋىزورنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى بەك يۇقىرى قىلىۋېتىدۇ، بەك يورۇق قىلىۋېتىش كۆزگە زىيانلىق، توكنىمۇ ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ.

     بەزى تېلېۋىزورلارنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن توك مەنبەسىنى ئۈزىۋەتمىسە، يەنىلا 8.7 ۋات توكنى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا تېلېۋىزورنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا ئېنېرگىيىنى تېجەپلا قالماي، تېلېۋىزور سۈرەت لامپىسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

      تېلېۋىزورنىڭ ئىچكى قىسمىنى پاكىز تۇتۇش لازىم. ئەگەر ئىچى چاڭ– توزانلار بىلەن توشۇپ كەتسە، يەڭگىل بولغاندا، كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئېغىر بولغاندا، توك قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا، ئۇچقۇن، ئىس– تۈتەك چىقىش ئەھۋاللىرى سېزىلسە، دەرھال ئېتىۋېتىپ، رېمونت قىلدۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا توك ئىسراپچىلىقىدىن، ئاپپارتنىڭ تېخىمۇ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.   

     كىرئالغۇ ئىشلەتكەندە: كىر ئالغۇ بىلەن كىر يۇغاندا، كىيىمنىڭ يۇيۇلۇش ۋاقتى، رەختى ۋە كىيىم سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، كىر ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاش لازىم. ئادەتتە بىرىكمە تالا ۋە يۇڭ توقۇلمىلىرىنىڭ يۇيۇلۇش ۋاقتى 2 مىنۇتتىن 4 مىنۇتقىچە، پاختا – كەندىر توقۇلمىلىرىنىڭ 6 مىنۇتتىن 8 مىنۇتقىچە، بەك كىر بولۇپ كەتكەن كىيىملەرنىڭ 10 مىنۇتتىن 12 مىنۇتقىچە، چايقىلىش ۋاقتى 3 ، 4 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق. يۇيۇلۇش ۋاقتىنى قىسقارتقاندا، توك تېجىلىپلا قالماستىن، يەنە كىر ئالغۇ ۋە كىيىم –كېچەكلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

     بەزى كىرئالغۇلار كۈچلۈك، ئوتتۇرا ھال، ئاجىز يۇيۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىر خىلىنىڭ توك سەرپىياتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە يىپەك ۋە يۇڭ توقۇلمىلاردىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى يۇيغاندا ‹‹ ئاجىز›› غا؛ پاختا رەخت، ئارىلاش توقۇلما، خىمىيىلىك تالا، دېلۇن قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى يۇيغاندا ‹‹ ئوتتۇراھال›› غا؛ ئادىيال، سافا ياپقۇچى، ۋە بېرزىنت بۇيۇملارنى يۇيغاندا ‹‹كۈچلۈك›› كە توغرىلاش لازىم.

    كىيىملەرنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سىقىپ، سۈيىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن چايقاش ساندۇقىغا سېلىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا، چايقاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ سۇ ۋە توكنى تېجىگىلى بولىدۇ.

     توك ئىسسىتقۇدا توك تېجىمەكچى بولساق، تېمپېراتۇرا تۇراقلاشتۇرغۇچنى 65 سېلتسىيە گرادۇسقا توغرىلىساق بۇ ۋاقىتتا ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى ئەڭ ئاز بولىدۇ. توك ئىسسىتقۇنى دائىم ئىشلەتمەيدىغانلار مونچىغا چۈشۈشتىن بىر سائەت بۇرۇن توكقا ئۇلاپ ئىسسىتىپ، مونچىغا چۈشۈپ بولۇپلا توكتىن ئېلىۋېتىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا توك سەرپىياتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. توك ئىسسىتقۇنى پەقەت يۇيۇنغان ۋاقىتتىلا ئاچىدىغانلار كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان توك ئىسسىتقۇنى سېتىۋېلىپ، ھەر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا قىزىيدىغان قىلىپ توغىرلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. دائىم ئىسسىق سۇ ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەر توك ئىسسىتقۇنى دائىم ئوچۇق قويۇپ، ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىغا ئاساسەن تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە، سۇ كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان ۋاقىتتا تېمپېراتۇرىنى سەل تۆۋەنلىتىپ قويسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ