باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
2008- 07- 10 15:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاسادىپىيىلىقتىن قايناق سۇدا بەدەننىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرى كۆيۈپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەر دائىم كۆيگەن ئورۇنغا  دورا سۈرىدۇ ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىدۇ، ئەمما كۆيگەندە دەرھال تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىشكە سەل قارايدۇ. بەدەننىڭ مەلۇم قىسىمى قايناق سۇدا كۆيۈپ، ئىسسىقلىق مەنبەسىدىن دەرھال ئايرىلغان بولسىمۇ كۆيگەن ئورۇندىكى زەخمىنىلىنىش يەنىلا  داۋاملىشىۋېرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل كۆيگەن جاينى دەرھال سوغۇق سۇغا  چىلاشتىن ئىبارەت. تېمپىراتۇرانى تۆۋەنلىتىپ داۋالىغاندا، قىزىل داغ تېزدىن كېچىكلەپ ئاغرىش يېنىكلەيدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. مەلۇم بولوشىچە، قايناق سۇدا كۆيگەن 2- دەرىجىلىك كۆيۈكنى سوغۇق سۇغا چىلاپ بەرگەنلەرنىڭ يارىسى يەتتە كۈندە، سوغۇق سۇغا چىلىمىغانلارنىڭ بولسا يېرىم يىلدا ساقايغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بەدەننىڭ مەلۇم قىسىمى قايناق سۇدا كۆيگەندىن كېيىن دەرھال سوغۇق سۇغا قانچە بالدۇر چېلىسا شۇنچە ياخشى. ئادەتتە سۇ تېمپىراتۇراسى 20 سېلسىيە  گىرادۇس ئۆپچۆرىسىدە بولسا مۇۋاپىق بولۇپ، 20 مىنوت چىلاش كېرەك. بۇ ئۇسۇل ئوتتۇرا، كىچىك دائىرىلىك كۆيۈكلەر، بولۇپمۇ قول، پۇت كۆيۈكلىرىگە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى كۆيۈكنى سوغۇق سۇدا  داۋالىماي، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش لازىم.  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ