باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ياشانغانلار تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماسلىقى كېرەك
2008- 07- 10 15:42 تەڭرىتاغ تورى

         ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئادەمنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ تەدرىجى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ . ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ياشلارغا قارىغاندا ئاز بولۇپ ، ئۇلار ئۇخلاۋېتىپ ئاسان ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقتىن ئاسان چارچاپ كېتىدۇ . ياشانغانلار ئادەتتە كۈندۈزى كۆپ مۈگدەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق.    گېرمانىينىڭ تېببىي مۇتەخەسىسلىرى يېقىندا يېشى 65 ياشتىن ئاشقانلار ، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن٪20 ئېشىپ كەتكەنلەر  ۋە قان بېسىمى تۆۋەن، قان تومۇرى تارىيىپ كەتكەن شۇنداقلا ھەمىشە بېشى قايىدىغان كىشلەرنىڭ تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىسا ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ، بولۇپمۇ سېمىز كىشلەردە قان تومۇر قېتىشىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ قان تومۇرى ۋە مېڭە قان تومۇرى قېتىشىشنى ئاسانلا پەيدا قىلىپ ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. تاماقتىن كېيىن ، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدىغان بولغاچقا ، مىڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ، ياشانغانلار تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلىماستىن ئازراق ھەرىكەت قىلىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى نورماللاشقاندىن كېيىن ، ئاندىن ئۇخلىشى كېرەك. 

  مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ