باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
قانداق كىشىلەر تاۋۇز ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟
2008- 07- 09 11:47 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      نۇرغۇن كىشىلەر ياز پەسلىدە تاۋۇز يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما تاۋۇز ھەممە ئادەمگە يېقىپ كەتمەيدۇ، ئۇ ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئەھۋالدىكى كىشىلەر تاۋۇز يىگەندە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى لازىم.

     زىيابىتۇس كىسىلى بارلار:  تاۋۇزنى بەك كۆپ يەۋەتسە، قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىپ، ھوشىدىن كېتىشى مۇمكىن.

     تاۋۇز قۇرۇق ئىسسىقنى پەسەيتىش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئېسىل مىۋە بولسىمۇ، ئەمما زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكىلەر تاۋۇز يېمەسلىكى لازىم. بۇنداق مەزگىلدە تاۋۇز يېسە، زۇكام تېخىمۇ ئېغىرلىشپ، ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كىتىدۇ. شۇڭا زۇكام تولۇق ساقىيىپ كەتمىگىچە ياكى زۇكام ئېغىرلىشىپ قىزىش ياكى يۇتقۇنچاق ئاغىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە تاۋۇز يېيىشكە بولمايدۇ.

     بەدىنى ئاجىزلىشىپ ئاشقازىنى سوۋۇپ كەتكەن، چوڭ تەرىتى سۇيۇلۇپ كەتكەن ھەمدە ھەزىم قلىشى ناچارلار تاۋۇزنى كۆپ يېسە قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبدىن، ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىنىشى ناچار، كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىدىغان كىشىلەر تاۋۇزنى كۆپ يىمەسلىكى لازىم.

     بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار بىر قېتىمدىلا تاۋۇزنى كۆپ يەۋەتسە بۆرىكىنىڭ سۇنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، سۇ كۆپلەپ بەدەن ئىچىگە كىرىۋېلىپ، ئارتۇق سۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمەي، قاننىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كېتىپ، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەيىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

     ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كىسەللىرى تاۋۇزنى كۆپ يېسە، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان نورمال سۇ تاۋۇزنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش رولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ، ئاخىرىدا ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ