|
ئابدۇرېھىم دۆلەت
ھەر قانداق ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ يارامسىز ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمىسا كېرەك . ھەتتا ئوغرىمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئوغرى بولۇپ قېلىشىنى ، پاھىشىمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ پاھىشە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . ئۇلار ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى ئادەم بولسىكەن ، مەندەك بولۇپ قالمىسىكەن ، دەپ ئويلايدۇ . ئىنسان شۇنداق بىر مەخلۇقكى ، ئۆزى يامان ئىشلاردىن قول ئۈزمەيدۇ – يۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ يامان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . پاھىشىخانىدىن چىقمايدىغان بىر ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ ياكى سىڭلىسىنىڭ پاھىشە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . ئىنسانلار ئەزەلدىن يامان ئىشتىن قول ئۈزەلمىسمۇ ، ئەمما يامان ئىش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك مەدھىيىلەنگەن ئەمەس .
دېمەك ، ئىنسان تەبىئىتىدە گەرچە يامانلىققا مايىللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ ھەمىشە ياخشىلىققا مايىللىق تەرىپىدىن بېسىلىپ تۇرىدۇ . چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى يەنىلا تېگىدىن ياخشىلىققا مايىل بولۇپ ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ قىلغان يامانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . بىز مەيلى ئۆزىمىز نېمە ئىش قىلمايلى ، ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ ، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يامان ئىش قىلىشىنى ، يارامسىز ئادەم بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمايمىز .
خوش ، ئۇنداقتا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ياخشى ، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىدىغان بىز ، بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن قانچىلىك ئەمەلىي ئىش قىلدۇق ياكى قىلىۋاتىمىز؟
مېنىڭچە ، سىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى چوقۇم قىلدىڭىز :
1. بالىڭىزنى مەكتەپكە بەردىڭىز .
2. بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشى ئەمەس ، دەپ قاراپ مەكتەپنى ئۆزىڭىز تاللىدىڭىز .
3. ھەتتا بۇنىڭغىمۇ تازا كۆڭلىڭىز ئۇنىماي ،سىنىپ مۇدىرىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بالىڭىزنى كۆڭلىڭىزدە بولىدۇ ، دەپ قارىغان سىنىپ مۇدىرىنىڭ قولىدا ئوقۇتتىڭىز .
4 . بالىڭىزنى ئوقۇش قوراللىرىدىن ھەرگىز قىسمىدىڭىز ، بەلكى ئاشۇرۇپ ئېلىپ بەردىڭىز .
5. بالىڭىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ تۇردىڭىز ، ياخشى بولسا مۇكاپاتلاپمۇ قويدىڭىز .
6. بالىڭىز كىتاب سېتىۋالىمەن دېسە ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى دەرھال بەجا كەلتۈردىڭىز .
دېمەك ، سىز مۇشۇلارنى قىلغىنىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى پەرزەنت تەربىيىسىگە ئوبدان كۆڭۈل بۆلەلىدىم ، مەن خېلى لاياقەتلىك ئاتا – ئانا ، دەپ قارىدىڭىز . ئۇنداقتا ، سىز يەنە تۆۋەندىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىپ بېقىڭ ، بۇلارنى قىلالىدىڭىزمۇ ؟
1. بالىڭىزنى ئۆزىڭىز تاللاپ ئاپىرىپ بەرگەن مەكتەپكە ئالاھىدە بېرىپ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ باقتىڭىزمۇ ؟
2. بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەنسىز ، ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرىدىن بۆلەك ، با شقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ، بالىڭىزنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى ئەھۋالىنى تەپسلىي ئىگىلەپ باقتىڭىزمۇ ؟
3. بالىڭىزغا ۋاقتىڭىزنى مەخسۇس ، پىلانلىق ئاجرىتالىدىڭىزمۇ ياكى ئشتىن سىرتقى ۋاقتىڭىزدىن پايدىلاندىڭىزمۇ ؟
4. بالىڭىزنى تەربىيىلەشتە ئۆزىڭىز تۈزگەن مەخسۇس ، كونكرېت پىلانىڭىز بارمۇ ؟ ئۇ پىلاننى داۋاملاشتۇرالىدىڭىزمۇ؟
5 . مەخسۇس پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ ياكى ئوقۇغىنىڭىزنى ئەمەلىيىتىڭىزدە سىناق قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟
6. پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت سېتىۋالغان كىتابلىرىڭىز ئۈچ پارچىگە يېتەمدۇ ؟
7 . ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىڭىزنى تەربىيىلەشنى خىزمەت ياكى باشقا پائالىيەتلىرىڭىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويالامسىز ياكى قايسىسىنى ئۈستۈن كۆرۈسىز ؟
8. بالىڭىزنىڭ ئارىلىشىۋاتقان دوستلىرىنىڭ ئىسمىنى ، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ۋە ئاتا –ئانىسىنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ياكى بىلىشكە ئورۇنۇپ باقتىڭىزمۇ ؟
9. بالىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەمسىز ياكى ئادىمىيلىك تەربىيىسىگىمۇ ۋە ياكى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىدىڭىزمۇ ؟
10. سىزنىڭچە ئاتا – ئانىغا نىسبەتەن پەرزەنت تەربىيىسى كەسپىي خىزمەتمۇ ياكى ئىشتىن سىرتقى خىزمەتمۇ ؟
11. سىز پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن بالىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىر خىزمەت دەپ قارامسىز ؟
ئەمدى سىز بۇ سوئاللارغا ئەستايىدىل ، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىپ بېقىڭ . ئەلۋەتتە ، جاۋابىڭىز سەمىمىي بولۇشى كېرەك . بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن سىز يەنە ئۆزىڭىزنى پەرزەنت تەربىيىسىدە لاياقەتلىك ئاتا–ئانا دەپ قارىدىڭىزمۇ ؟ گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا ،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش ئارزۇيىمىز بىلەن تەربىيىلەش ئەمەلىيىتىمىز ئەزەلدىن ماس قەدەمدە ماڭمىغان ھەم ئەزەلدىن بىردەكلىكنى ساقلىمىغان . مېنىڭ بۇ يەردە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ، بۇنىڭدا ئاتا – ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىكى رولى ، ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدە يەنە قۇرۇق گەپ سېتىپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق . چۈنكى بۇ خىل گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇق . ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلغانلىقىمىزدىن ھېساب بېرىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى .پەرزەنت تەربىيىسىدە زادى قانچىلىك ئەمەلىي ئىش قىلدۇق ؟ ئەمەلىيىتىمىز ئارزۇيىمىزنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلىيالامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ماقالىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەش ياكى ئۆزىمىزدىن قاقشاش ئەمەس . ئادەم چوقۇم ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشنى بىلىشى كېرەك . بو نۇقتىدىن قارىغاندا ، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ياخشى قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلاۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن ھېساب ئېلىپ بېقىشىمىز ، قانچىلىك قىلىۋاتىمەن ، يەنە قانچىلىك قىلالايدىكەنمەن ، دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك .
ئاخىرقى سوئال : سىز پەرزەنت تەربىيىسىنى ئۆز خىزمىتىم دەپ قارامسىز ؟
‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژورنىلىدىن ئېلىندى
|