باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئائىلە ۋە نىكاھ
ئاياللار نېمە ئۈچۈن پۇل تۇتۇشقا ئامراق كېلىدۇ؟
2008- 07- 04 11:40 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر ژورنىلىنىڭ 24 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 940 ئايالنى زىيارەت قىلىپ بايقىشىچە ، ئۇلارنىڭ %33 تى ئائىلىدە پۇل تۇتۇشقا ئامراق ئىكەن، %20 تى ھەممىدىن گۈزەللىككە كۆڭۈل بۆلىدىكەن. سەرمايە يۈرۈشتۈرۈشمۇ ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان. 2007 - يىلى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئىستېمال ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن. نەتىجىدە، بۇنىڭ ئىچىدىكى نىكاھلانغان %77.3 ئايال ئائىلىدە پۇل تۇتىدىكەن. شاڭخەيدە %58 ئائىلىدە، تەيۋەندە %70 ئائىلىدە ئاياللار پۇل تۇتىدىكەن.

     ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن ئائىلىدە پۇل تۇتۇش، ئۆي سېتىۋېلىش، بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋە ئاتا – ئانىلارنى بېقىش راسخوتىنى تەييارلاشنى ئاياللار ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، نۇرغۇن ئاياللار پۇل تۇتۇشقا ئامراق كىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۈپەيلىدىنمۇ پۇل تۇتۇشقا ئامراق كېلىدىكەن. چۈنكى، ئاياللار پەرزەنت كۆرۈش ۋە ئۇلارنى قاتارغا قوشۇش، ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تېخىمۇ مۇھتاج. ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەردىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىقتىساد بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللار ئىقتىسادقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى زامان ئاياللىرى پۇلنى پاسسىپ تۇتۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلارمۇ مەبلەغ سېلىشقا پائال قاتنىشىدىغان بولدى. 1999 – يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە فىروفىسسورلىرى 35 مىڭ پايچىنى ئالتە يىل تەتقىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ پايدا ئېلىش نىسبىتىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن  %1.4 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

     خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تور بېكىتىنىڭ 2001 – يىلدىن 2005 – يىلىغىچە بولغان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، 100 مىڭ مەبلەغ سالغۇچى ئىچىدە ئاياللارنىڭ نەتىجىسى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئادەتتە ئەرلەر ئىقتىسادتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى بەكرەك ئۈمىد قىلغانلىقتىن، تەۋەككۈل قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ پايدا ئېلىشىدا خېيىمخەتەرمۇ كۆپ بولىدۇ. ئاياللار ئىقتىسادتا مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشقا ئۇنچىۋالا قىزىقمىغانلىقتىن، تەۋەككۈلچىلىك قىلمايدۇ. شۇڭا، خېيىمخەتەرگە بەك دىققەت قىلىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ