باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
سەھەردىكى كېسەللىك سىگناللىرى
2008- 07- 02 17:40 تەڭرىتاغ تورى

     باش قېيىش : ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن مېڭە ئوچۇق بولماسلىق ياكى باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بويۇن ئۇمۇرتقىسىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق بولغاندا بويۇن قىزىل قان تومۇرى بېسىلىپ قېلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا سەھەردە باش قېيىش بويۇن ئومۇرتقا  كېسەللىكى ياكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار  بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېساپلىنىدۇ. 

      بالدۇ ئويغىنىپ كېتىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق : بەزى ئوتتۇراياش ۋە ياشانغانلار ئەتىگەن سائەت 4، 5لەر ئەتراپىدا ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىپ، تەستە ئۇخلايدۇ، قايتا ئويغانقاندىن كېيىن، كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر كىلىنىكىدا بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش  خاراكتېردىكى ئۇيقۇسىزلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش خاراكتېرىدىكى ئۇيقۇسىزلىق ئاساسەن ھەر خىل تىپتىكى خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ۋە پىسخىكا جەھەتتە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ياشانغانلار بالدۇر  ئويغىنىپ كېتىش خاراكتېرىدىكى ئۇيقۇسىزلىققا سەل قارىماسلىقى لازىم.

     ئىشىش : ساغلام كىشىلەردە سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن يېنىك دەرىجىدە ئىششىق كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىششىق 20 مىنوت ئىچىدە يوقايدۇ، ئەگەر يۈز قىسمىدا يەنىلا ئىششىق بولسا، بولۇپمۇ كۆز ئەتراپىدا ئىششىق بولسا، دوختۇرخانىغا  بېرىپ بۆرەك ۋە يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك.

     سەھەردە يۈرەك سېلىش ۋە قورساق ئېچىش : بەزى كىشىلەر ئەتىگەن سائەت 4، 5لەردە ئويغانغاندىن كېيىن قورسىقى ئېچىپ چىدىيالماي قالىدۇ. ئالاقزادە بولۇپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر ئاستا- ئاستا يوقىلىدۇ. بۇلار دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا بۇ ئۆزگىرىشلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.  

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ