باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
قېتىق ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق ئېغىز پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ
2008- 07- 02 16:04 تەڭرىتاغ تورى

      ياپونىيە تېببىي پەن ئالىملىرى يېقىندا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قېتىق ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق ئېغىز پۇراش كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار20 نەپەر ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىگە 6 ھەپتە كۈنىگە2 قېتىم 90 گرامدىن شېكەرسىز قېتىق ئىچكۈزگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھىدرو سۇلفىد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسان پارلىنىدىغان سۇلفىدلارنىڭ كۆرسەتكۈچ سانىنىڭ كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ كىشلەرنىڭ چىش باكتىرىيە دېغى ۋە چىش مېلىكى ياللۇغىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىگەنلىكى مەلۇم بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قېتىق ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا پايدىلىق بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە زىيانلىق باكتېرىيىلەرنى پەيدا قىلىدىغان خېمىيىلىك تەركىبلەرنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدىكەن.

  مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ