باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
يەرلىك رېتسىپلار
2008- 07- 02 16:04 تەڭرىتاغ تورى

    زەردىڭىز قايناپ بىئارام بولسىڭىز تۇز ئارلاشتۇرۇلغان بىر پىيالە قايناق سۇنى سۇۋۇتۇپ ئىچىۋەتسىڭىز ئاغرىق شۇ ھامان توختايدۇ.

    قۇچقاچنىڭ پېيىنى يۇڭداپ ،ئىچ – باغرىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىگە ئازراق قەنت سېلىپ ، ئاندىن خېمىرغا يۆگەپ پىشۇرۇپ ھەر كۈنى بىرقىتىم ،ئۇدا بىر نەچچە كۈن يەپ بەرسە كۆك يۆتەلنى ساقايتقىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، توخۇ ئۆتىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.

    ئىسسىق غىزادىن قورساق ئاغرىپ قالسا ،جىگدىنى قاينىتىپ ، شەربەت قىلىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ خېمىرغا سېلىپ كۆمەچ ئېتىپ يېسە بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ناننىڭ كۆيۈكى گال ئاغرىقى، كانەي ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، گال، كانەي قىچىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ.

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ