|
قولتۇق پۇراش كېسەللىكى گەرچە كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن ئۆزى ۋە باشقىلارنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تەر بەزلىرى چوڭ–كىچىك ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.چوڭ تەر بەزلىرى قولتۇق ئويمانچىسى ، كىندىك ، تاشقى جىنسى ئەزا ۋە مەقئەت ئەتراپىغا جايلاشقان. كىچىك تەر بەزلىرى كالپۇك ، خەتنىلىكنىڭ ئىچكى تەرىپى ، تىرناق ئۇلى ، قولنىڭ ئالقىنى ، پۇت بارماقلىرى ، چات ئېرىقلىرى قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان . چوڭ تەر بەزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىۋاستە ئۈستۈنكى تېرىدىن چىقماي، بەلكى تۈك خالتىسىغا تۇتىشىدۇ . قولتۇقى تەرلىمەيدىغان ياكى ئاز تەرلەيدىغان ئادەملەرنىڭ قولتۇق ئويمانچىسىدىكى چوڭ بەزلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ، ھەركەتسىز ھالەتتە تۇرىدۇ. قولتۇقى پۇرايدىغان كېسەللەرنى ئوپراتسىيە قىلىپ قولتۇق ئويمانچىسىدىن ئالغان تېرىنى كېسىپ كۆرگەندە ، تېرىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتىدە كۆپ مىقداردا چوڭ تەر بەزلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ . شۇڭا، قولتۇق پۇراش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشلەرنىڭ چوڭ تەر بەزلىرىنىڭ ئاجراتمىلىرىمۇ نورمال كىشلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ . ئىلگىرى قولتۇق پۇرايدىغان كېسەللەرنىڭ قولتۇقىدىن چىققان تەردە ئالاھىدە سېسىق پۇراق بار ، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ھازىر كېلىنىكىلىق كۈزىتىشلەردىن قارىغاندا ، قولتۇق بەزلىرىدىن چىققان يېڭى تەر پۇرىمايدىكەن ، بۇ سېسىق پۇراق قولتۇق تەر بەزلىرىدىن چىققان ئاجراتمىلار بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىكەن.
قولتۇق پۇراش كېسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى:
1.شەخسى تازلىققا ئەھمىيەت بېرىپ،پات–پات يۇيۇنۇپ تۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم .
2. 10–5 % لىك ئارگىنتى نىتراس ئېرىتمىسى ياكى%5 لىك ئىسپىرىتلىق فورمالىن ئېرىتمىسى سۈركەش لازىم.
3. 100مىللىگرام %75 لىك ئىسپىرىتقا %2 لىك تىنكتورا يولدتىن 25 مىللىگرام ئارلاشتۇرۇپ سۈركەش لازىم.
4.قولتۇق بەزلىرىدە ئېغىر ئۆزگىرىش بولغانلار ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالىنىش لازىم. يۇقىرقى سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ تېرىنى قۇرۇتۇش تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئېرىترومىتسىن كۆز مەلھىمىنى سۈركەپ بېرىش لازىم.شۇنداق قىلغاندا تېرىنى قۇرۇتۇپ،ئېچىشتۇرۇشتىن ۋە قوشۇمچە يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|